دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللار 18-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. يىغىننى ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى كۇرستا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارادا ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى ئۆگىتىلدى. كۇرستا پروفېسسور شون روبېرتس ئەپەندى، ئەركىنلىك ئۆيى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشخانىسى مۇدىرى سۈي خانىم، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسى ئاندراۋ سۋان ئەپەندى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسى مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇلى ئۇلرىچ دەلىئۇخ ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسۇلى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇتەخەسسىسى مايكېل ئەپەندى، در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر لېكسىيە سۆزلىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىغىن بەزى توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ يىغىن پىلانلانغاندەك ئاخىرلاشتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئالىم سەيىتوف ھەم ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ۋەقپىنىڭ مەسۇللىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىن ھەققىدە خۇلاسە قىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.