ئاياللار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى

يەكشەنبە كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە "چەتئەلدە ئاياللار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرى" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر نەپەر كانادالىق پىسخولوگىيە پروفېسسورى "غەرب دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمان ئاياللار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر،" كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىي باھارگۈل خانىم "شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرى،" كانادادىكى غەرب تۈرك ئاياللىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېلىم خانىم بولسا "ئاياللارنى قانداق تەربىيىلەش ۋە تەشكىللەش مەسىلىلىرى" دېگەن تېمىلاردا دوكلات بېرىپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللىرى سۇئال سوراش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئوخشاش شەكىللەر ئارقىلىق،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روھى ھالىتى،چەتئەلدە بالىلارنى قانداق تەربىيىلەش، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقى،خىتاينىڭ قاتمۇ ‏- قات بېسىمى ئاستىدىمۇ خوتەن ئاياللىرىنىڭ جەسۇرلۇق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئاخىرىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى قەرەللىك تۈردە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇ كانادادا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتناشقان مۇھاكىمە يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.