يىغىنغا، ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان چەتئەللىك ئاياللار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا ئامېرىكىدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئائىشە سىلوكۇم خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا سادەر يەنى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى شەيما خانىم ئېچىلىىش نۇتىقى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدا ئىشغال قىلىنغان ۋە ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر ھەققىدە توختالدى.
كېيىن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدا 11 ئورۇندا ئاياللارنىڭ پاناھلىنىش ئۆيى بارلىقىنى، ئاياللار مەسىلىسى ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئافرىقا، چىچەنىستان، پەلەستىن ، شەرقىي تۈركىستان، بالقان، بوسنىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئايال ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي، نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان زۇمرەت مەخمۇت خانىم ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى ئېكراندا كۆرسىتىپ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ، گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇۋاتقان، دوپپا ۋە رېشىلىيە تىكىۋاتقان، ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقان شۇنداقلا سۇ توشۇپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
كېيىن يىغىن رىياسەتچىسى ئائىشە سىلوكۇم خانىم ئۇيغۇر ئاياللار ھەققىدە سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تۈرمىلىرى ۋە جازا لاگىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئاخباراتلاردا پات - پات ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق خەۋەردار بولۇۋاتىمىز، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋاتقان دۆلەت خىتاي ، ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان رايون شەرقىي تۈركىستان رايونى. خىتاي شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى نۇرغۇن ساھەدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىندى. شەرقىي تۈركىستاندا 145 تۈرمە، 30 جازا لاگېرى مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر 250 مىڭ مۇسۇلمان تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ھەر ئاي ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 بىلەن 30 ئارىسىدا كىشى خىتاينىڭ بۇ تۈرمىلىرىدە قىيىن - قىستاق ۋە ئىسكەنجە سەۋەبىدىن ئۆلۈۋاتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن دەھشەتلىك، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنمايدۇ، ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان ئاز بىر قىسمىدىنلا مەلۇماتقا ئىگە بولالايمىز."
ئائىشە سىلوكۇم خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "يەنە بىر تەرەپتىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ئۆلچەمسىز شارائىتلار ئاستىدا، دېزىنفېكسىيە قىلىنماستىن تۇغماس قىلىش ئوپېراتىسىيسى قىلىنىدۇ. شەھەردە ياشىغانلار بىر پەرزەنت، يېزىدا ياشىغانلار ئىككى پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەگەر قانۇندىن سىرت تۇغۇشقا ئۇرۇنغانلار بولسا يا تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىدۇ، ياكى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىدۇ، قانۇنسىز توغۇلغانلارغا ئىسىم قويۇلمايدۇ ۋە نوپۇسقا ئېلىنمايدۇ، يەنى دۆلەت پۇقرالىق مۇئامىلىسى قىلىنمايدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق بىر بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا، ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ھايات ۋە ئۇ يەردىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىنتايىن ئېغىر، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ."
ئائىشە سىلوكۇم خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي 11 - سېنتەبر ۋەقەسىنى پۇرسەت بىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى تېررورچى تىزىملىكىگە ئالدى، يېقىندا بىر قېرىندىشىم خىتايغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلغاندا، ۋىزا بېرىلمىگەن، سەۋەبىنى سورىسا، تۈركىيە خىتاينىڭ خەتەرلىك دۆلەتلەر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاب يېزىشىڭىز كېرەك دېگەنگە ئوخشاش ئىپادىلەرگە دۈچ كەلگەن. خىتايلار نېمە ئۈچۈن تۈركىيىنى خەتەرلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى؟ بۇنىڭ جاۋابى ئوچۇق، تۈركىيە مۇسۇلمان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا نىسبەتەن خەتەرلىك دۆلەت دەپ قارىلىدۇ."
يىغىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت بىردىن بەشكىچە 4 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاياللار ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى، ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تونۇشتۇرۇپ رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى.
بىز بۇ يىغىن ۋە ئۇيغۇر ئاياللار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.