ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى

1 - ئىيۇن خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى كۈنى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۆسمۈر بالىلارغا ئوخشاشلا زارىقىپ كۇتىدىغان، بەختىيار ئۆسمۈرلۈكنىڭ ئالتۇن خاتىرىلىرىنى قالدۇرىدىغان مەكتەپ، ئاتا - ئانا ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن تۈرلۈك مەدەنى پائالىيەتلەر ئارقىلىق خۇشال - خوراملىققا چومۇلۇپ بالىلىق ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر بايرام كۈنىدۇر.

0:00 / 0:00

ئەمما مىللىي مائارىپى خىرىس ۋە يوقىتىشقا، ئېغىر دەرىجىدە دۇچ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۆسمۈر بالىلار بۇ بايرام كۈنىنى قانداق شەكىلدە ئۆتكىزىدۇ؟ بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا ۋەتەندىن ئىگىلەنگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى بالىلار بايرىمىنىڭ سىياسىي تۈسى باشقا يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بالىلار بايرام كۈنى ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت پروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى،پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى مەدھىيىلەشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان.

داغدۇغۇلۇق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ۋە پاراتتىن ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە دەرس قالدۇرۇپ تۇرۇپ تەييارلىق قىلىش باشلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر بالىلار تۈرلۈك سوۋغا - سالاملارنى ئېلىپ خىتاي مەكتەپلىرىگە بېرىپ خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش، ىتاي تىلىدا نۇتۇق سۆزلەپ ئۇلارغا بولغان دوستلۇقىنى ئىزھار قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان.

نەتىجىدە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ بىغۇبار بالىلىق دۇنياسىنىڭ خۇشال - خوراملىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ئاجرىتىلغان بۇ بىر ئەھمىيەتلىك كۈن ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەختسىز ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن يەنىلا سىياسىي تەشۋىقات كۈنىگە ئايلىنىپ قالغان.

نۆۋەتتە ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ىللىي كىملىك تەربىيىسى ئېلىش، مىللىي ئورۇپ - ئادىتى بۇيىچە تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئېغىر بېسىملار تۈپەيلىدىن مەكتەپلەردە ياخشى تەربىيىلىنىش پۇرسىتى كام بولۇپلا قالماستىن، مەكتەپتىن قېلىش، ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېتىلىش، ئوغرىلىق قىلىش، خېروئىن سېتىشقا مەجبۇرلىنىش، بالا ئەمگەك كۈچى سۇپىتىدە جەمئىيەت تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كىتىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىرلاشماقتا.

بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر مىللىى مائارىپىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەر قايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىش بىرلىگى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۈگۈنكى بالىلار ھەققىدىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.