بۈگۈن "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭ قاتارلىقلارنىڭ 9 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا تەكىتلىگەن « شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئاساس قىلىش» شوئارى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغان بۇ 60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە مەركىزى ئاسىياغا جايلاشقان بۇ زېمىننىڭ خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن " مەڭگۈ تىنچىماس زېمىن" دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ:" خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغان بۇ يىللاردا، كومپارتىيىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈپ كەلگەن باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتى ھەم رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىلماسلىقى، بۇ زېمىننىڭ غەرب كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن «مەڭگۈ تىنچىماس زېمىن» دەپ ئاتىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇلتۇر ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بۇ يىللاردا يەرلىك خەلقنىڭ رايوندا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى دەپ قارالغان ئىدى."
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى:
" شۇنداق، 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەينى چاغدا يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن داڭقى چىققان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشىەننى تەيىنلەپ، رايوندا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى » تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭنى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەپ، خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەردىكى شىركەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايوندىكى يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى."
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايوندا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش » شوئارى بىلەن ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە شۇنداقلا ئۆتكەن ھەپتە جۇ يۈڭكاڭ قاتارلىقلار قايتا تەكىتلىگەن « شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئاساس قىلىش» شوئارىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
" خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا « ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايوندا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسى نىشان قىلىدىغانلىقى» نى جاكارلىغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا قارىتا قىزىقىش كۈچەيگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىمۇ ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە كۆپ تەكىتلىنىدىغان « مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا» شوئارىنىڭ ئورنىغا « ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» تېمىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى.
ئەمما، 2010- يىلى 9- دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان « شىنجاڭنىڭ ئون ئىككىنچى 5 يىللىق خىزمەت يىغىنى» دا خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جۇ يۈڭكاڭ يەنە بىر قېتىم « ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتكوم سېكرېتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھازىر خىتاي مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ لېچۈەنمۇ مۇقىملىق ھەققىدە سۆز قىلغان. ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە « ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، رايوندا بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى چىڭ تۇتۇش» نى تەكىتلىدى. مانا، كومپارتىيىنىڭ مۇشۇ ئىككى خىل بىر - بىرىگە زىت كەلگەن شوئارىدىنلا شۇ نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بۇ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. ئۇلار خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچەيگەندە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق چىرايلىق ئىبارىلەر ئارقىلىق ئۆز مۇددىئاسىنى پەردازلايدۇ خالاس!"
خۇ پىڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قاتتىق قول سىياسەتنى پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەر، موڭغۇللار ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
" قاراڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قانداق مۇستەھكەملەشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەرگە، موڭغۇللارغا، خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا قاتتىق سىياسەت قوللىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ قېتىم 10- دېكابىر كۈنى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلىش مۇراسىمى مەزگىلىدە، خىتايدىكى بارلىق دېموكراتىك زاتلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن نەزەربەند قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ھەم نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرى ھازىر نەزەربەند ئاستىدا تۇرماقتا. خىتايدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئەرزدارلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كومپارتىيە يۈرگۈزۈۋاتقان باراۋەرسىز مىللىي سىياسەتكە بولغان نارازىلىقى كۈچەيمەكتە. مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مۇقىملىقنى تەكىتلەيدۇ ئەلۋەتتە."