خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەرگە پەرقلىق باھا بەرمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىدلىنىپ كەلگەن بىر مەسىلە.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.09.30
tutqun-xitay-saqchi-kochida.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچىدا پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى ئىيۇل، قەشقەر.
RFA

ئەمما، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ھەرقانداق بىر تەنقىدىي پىكىرنى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلىرىدا مىللىي مەسىلىلەرگە باھا بېرىشتە يۇقىرىدىكىگە ئانچە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل قوللىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشى غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە سولاش، ئۇلارنى مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، تەنقىدىي خەۋەر ئىشلىگەن مۇخبىرلارنى قولغا ئېلىش، تور بەتلەر ۋە تور ئابونتلىرىنى تەقىبكە ئېلىش، ئەرزدارلارنى سولاشقا ئوخشاش تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بارماقتا.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان «خىتاي جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ قانۇن تەكلىپ لايىھىىسىدىكى بىر قىسىم ماددىلار خىتايدىكى مانا بۇ خىل يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى، بولۇپمۇ ھازىر ئۇنىڭ خىتايدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قارشى پىكىردىكىلەرنى جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەگەر خىتايدا بۇ قانۇن ماقۇللانغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېىسمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكىدەك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئەزەلدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى «جامائەت پىكرى توپلاپ، تەھدىت پەيدا قىلىدۇ» دەپ قارىغان ھەرقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇنازىرە ۋە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مەيدانىغا ئايلانغان دىيارىم، سەلكىن، شەبنەمگە ئوخشاش تور بەتلەرنىڭ ئىگىلىرىنى ۋە تور ئابونتلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايەتلىرى بىلەن تۈرمىلەرگە سولىغان ئىدى. ئەمما، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق پىكرىنى بايان قىلغان ھەرقانداق شەخس ۋە ھەرىكەتنى تېررورلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، باستۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتە باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەرگە قاراتقان مەتبۇئاتىدا خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارىتا بەزى ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئېلان قىلىپ، سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتىدا ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتايدىكى بەزى ھۆكۈمەتكە باغلىق بولغان خەلۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسىنى بۇنىڭغا ۋاسىتە قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېرىشىشى تېخىمۇ قېىيىن بولغان بۇ سەھىپىلەردە بىر قىسىم تەنقىدىي ماقالىلەر ئورۇن ئالماقتا. مەسىلەن، خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاۋازى دەپ قارىلىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە «شىنجاڭدىكى توپىلاڭلارنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق ئەمەس » تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، ماقالىدە گېزىت ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىدىغان تۇرغۇنجان تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر زىيالىيسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىلەرگە ۋە يېقىندا قەشقەر، خوتەنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئېلان قىلغان. تۇرغۇنجان تۇرسۇن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇقنىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، يېڭى رەئىس جاڭ چۈنشيەن كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇشقا ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ توغرا بىر سىياسەتلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرنىڭ نېمىشقا ھۇجۇمچىلارنىڭ كۆپى خوتەن ۋە قەشقەردىن چىقىدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا بۇ ئىككى يەردە دىنىي مەسىلىلەر ۋە ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىككى خىل يولنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنچىسىنىڭ، «كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى» نى تونۇپ يېتىپ، ھەممە مىللەت باراۋەر ھالدا ئۆزىنى ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندە، ئىككىنچىسى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىناق-ئىتتىپاق ياشاشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە سۆزىدە، 1950-يىللاردا گەرچە خەلق نامرات بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقىدىن ياخشىلىقىنى، 1980-يىللاردىن كېيىن بەزى مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بوپ كېتىپ، بەزى قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قالغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بۆلگۈنچىلىكنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بوپقېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىگە قارىتىلغان ئەڭ كىچىك تەنقىدنىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەسىلىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەنقىدىي پىكىرلەرگە قارىتا تەدبىر ئېلىپ، سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتىدا ئېلىپ بارغان تاكتىكا ئۆزگەرتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئالدى بىلەن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ پاكىستاندىكى تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋەقەنى باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە، ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئاراغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات تېپىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ھازىر خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوخشاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە قانداق باھا بېرىشتە گاڭگىراپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا چەتئەللەرگە قاراتقان تەشىۋىقاتىدا تېررورلۇقنى ئىككىنچى پىلانغا ئىتتىرىپ، بۇ خىل ھادىسىلەرنى زوراۋانلىق دەپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاراپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.