بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلى تېپىلغان

تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن ھۈررىيەت، مىللىيەت ۋە رادىكال گېزىتلىرىنىڭ 25 - سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا `موڭغۇل ئارخېئولوگلار بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلىنى تاپقان` ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە ئورخون ئابىدىلىرى بار يەردە موڭغۇل ئارخېئولوگلارنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلىنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى يېزىلغان.

گېزىتنىڭ ئىچ قىسمىدىكى خەۋەردە بىلگە خاقان ئىكەنلىكىنى ھەيكەلنىڭ بېشىدا شەپكە يوقلۇقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلغانلىقى يېزىلغان. بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئورخۇن ئابىدىلىرى بار يەردە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل بىلىم ئادەملىرى بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلىنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

موغۇلىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈل تېكىن جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى، موغۇلىستاننىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ 365 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىۋاتقان. موغۇلىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىدىن 30 بىلىم ئادىمى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قېزىش ئىشلىرىغا داڭلىق موڭغۇل ئارخېئولوگلاردىن پروف. در. باتسائىكھان زاگدمۇ بار ئىكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى مەشھۇر موڭغۇل ئارخېئولوگ پروف. در. بور جۇگدەر ئىكەن.

رادىكال گېزىتىدىكى خەۋەردە، مەشھۇر پروف. در. بور جۇگدەر شېۋىت قورغاندا تاپقان ھەيكەلنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يازغان.

خەۋەردە بۇ ھەيكەلنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىدىكى سەۋەبلەر مۇنداق دەپ يېزىلغان: "ئالدى بىلەن بۇ ھەيكەل تېپىلغان يەرنىڭ ئورخۇن ۋادىسى يەنى كۆك تۈركلەر ياشىغان يەر بولۇشى. بۇ ھەيكەل تېپىلغان يەرنىڭ بىلگە خاقان بىلەن كۈل تېكىن خاقانلارنىڭ ئابىدىسى بار يەرگە بەكلا يېقىن يەردىن تېپىلىشى. ھەيكەلنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىزدىكى ئىككىنچى سەۋەپ بولسا، ھەيكەلنىڭ شەپكىسى يوق بولۇشى."

خەۋەردە يەنە ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىلىك بىلىم ئادەملىرى ئىزدەۋاتقان بىلگە خاقاننىڭ غەزىنىسىنى تۈرك ئارخېئولوگلارنىڭ تاپقانلىقى، بۇ ئارخېئولوگلار 2001 - يىلى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن تەركىپ تاپقان 4500 پارچە تارىخىي ئاسارە - ئەتىقە تاپقانلىقى يېزىلغان.

ماقالىدە بىلگە خاقان ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: "بىلگە خاقان 683 - يىلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى كۆك تۈرك دۆلىتىنى قايتا قۇرغان ئىلتەرىش قۇتلۇق خاقاندۇر، ئانىسى بولسا ئىل بىلگە خاتۇندۇر. 8 ياش ۋاقتىدا دادىسى تۈگەپ كەتكەن بىلگە خاقان، 24 يىل بويىچە كۆكتۈرك خاقانلىقىنى قىلغان تاغىسى قاپاغان خاقاننىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان. تاغىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان ئىنالنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ 32 ياشتا كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ خاقانى بولغان. بىلگە خاقان تەختكە چىققاندىن كېيىن 31 ياشتىكى قېرىندىشى كۈل تېكىننى ھەربىي قوماندانلىققا، تۇن يوقۇقنى بولسا ۋەزىرلىككە ئۆستۈرگەن. بىلگە خاقان تەخىتتىكى مەزگىلدە، كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ چېگرىسى خىتاينىڭ شۇنتوڭ ئويمانلىقىدىن ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قارا شەھەرگىچە، شىمالدا بايىرقۇ، غەربتە تۆمۈر ئىشىككىچە بېرىپ تاقالغان. ئۇنىڭ ۋەزىرى تۇنيۇقۇق بىلەن قېرىندىشى كۈل تېكىن ئارقا ئارقىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىلگە خاقان خىتايلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن يەنە بىر ۋەزىرى تەرىپىدىن 734 - يىلىدا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن."

ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بىلگە خاقان ئابىدىسى 735 - يىلىدا، ئوغلى تەڭرى خاقان تەرىپىدىن تىكىلگەن. كۈل تېكىن ئابىدىسىگە بىر كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا.

بۇ يەردىن تېپىلغان ھەيكەل راستىنلا بىلگە خاقاننىڭ ھەيكىلىمۇ؟ تۈرك ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن تېپىلغان غەزىنىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئائىت بولغانلارمۇ بارمۇ؟