ماقالىدە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى ھەققىدىكى تەنقىدى قارىشى بايان قىلىنغان.
"ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى مۇخبىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار بۇ سانلىق ستاتىستىكىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن "شىنجاڭ يىلنامىسى" دا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ھەم "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈشى ئاساسىدا تەييارلانغان.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2005-يىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان خىتاي بولمىغان ياشلارنىڭ 15%~30%, خىتايلارنىڭ 85%tin 70% كېچە بولغانلىقى، 2008-يىلى ھەم 2009-يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت كادىرلىرى ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشقان خىتاي بولمىغان ياشلارنىڭ 2008-يىلى 25.6%, 2009-يىلى 32% بولغانلىقى، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى 4 ۋىلايەتتە، خىتايلاردىن دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 71%tin 60% كېچە ئەتراپتا بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە يەنە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ 10%tin 20% ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ستاتىستىكا قىلىنىپ، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىدىن خىتايلارنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە يەنە، 2006-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى قاتارلىق بانكىلاردا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى ستاتىستىكا قىلىنىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان بانكا مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ 10%ni ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ستاتىستىكىدا يەنە، 2009-يىلدىكى بانكا خىزمەتچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار نىسبىتىدە خىتايلار بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى 99:1 نىسبەت بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بانكىلاردا ئىشلەۋاتقان خىتاي بولمىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ 2009-يىلدىكى ئەمەلىي سانىدا خىتايلار مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان. يەنى، جۇڭگو بانكىسىدا خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان بانكا خادىملىرى 653 نەپەر، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا 312 نەپەر، سودا سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق باشقا بانكىلاردىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئومۇمى سانى 634 نەپەر بولغان. بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئىشلەيدىغان بانكا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر تىلىنى زادىلا بىلمەيدىغان خىتايلار بولغىنى ئۈچۈن، بانكىغا كىرگەن ئۇيغۇر خېرىدارلار بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان باشقا خېرىدارلار تەرجىمانلىق قىلىدىغان ئەھۋال ئومۇملاشقان.
ماقالىدە "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرى تاقالغان "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىكى بۇ خىل تەڭسىزلىك ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى بېرىلگەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز مۇلاھىزىسىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: "نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ خىزمەتتە چەتكە قېقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېغىر بولۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىتاي كادىرلىرى ئارىسىدىكى چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا."
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز مۇلاھىزىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن بىر مەزگىل "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى تەكىتلىگەندىن كېيىن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان شوئارىنى ئۆزگەرتىپ، رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا پەقەتلا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، رايونغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە دوستانە مۇئامىلە قىلىشلا تەكىتلىنىپ، رايوندىكى ئاساسى مەنپەئەتدار سىنىپ بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئېغىر بولغان چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىگە قارىتا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز بايانىدا، مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا، رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان خىتايلاردىكى «چوڭ خىتايچىلىق» خاھىشى سەۋەبىدىن 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيىلىك تۈزۈمنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھېچقاچان ئىجرا قىلمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.