0:00 / 0:00
ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلغۇچى ياكى قارشى تۇرغۇچى دەپ ئەمەس، بەلكى ئاشكارا قارشى تۇرغۇچى ۋە يوشۇرۇن قارشى تۇرغۇچى دەپ ئىككىلا گۇرۇپپىغا ئايرىماقتا. بىز ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئەھۋاللار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى دەلىللىمەكتە.
پروگىرامىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، مەزكۇر 70 ياشلىق بوۋاي، ئاساسلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرى ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەزكۇر پروگراممىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.