چېمپىيون ئەركىن ئىمىنوف بىلەن سۆھبەت (2)

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېتىپ تۇرۇپ شتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئەركىن ئىمىنوف 56 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدال ئالدى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن ئىمىنوف ئۆز ھاياتىدا چېلىشىش، بەدەن گۈزەللىكى مۇسابىقىسى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرى بويىچە ھەر خىل مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كۆپ قېتىم نەتىجىدە قازانغان.

ئەركىن ئىمىنوف كىم؟ ئۇنىڭ ھاياتى ۋە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى قانداق بولغان؟ دېگەن سوئاللارغا ئەركىن ئىمىنوف ئەپەندىنىڭ ئۆزىدىن جاۋاب ئىزدىدۇق.

ئالدىنقى قېتىمقى پروگراممىمىزدا يېتىپ تۇرۇپ شتانكا كۆتۈرۈش چېمپىيونى ئەركىن ئىمىنوف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ دەسلەپكى قىسىمنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

سۆھبەت جەريانىدا مەلۇم بولدىكى، ئەركىن ئىمىنوف قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسىدە يارىلىنىپ، سەپتىن چېكىنىشكە ۋە 8 ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. بەختكە قارشى ئۇ يەنە، شۇ قېتىملىق ھادىسىدە بىر بۆرىكىدىن ئايرىلغان.

بۈگۈن ھوزۇرۇڭلاردا، ئۇيغۇر چېمپىيون ئەركىن ئىمىنوف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامى. بۇنىڭدا، ئەركىن ئىمىنوفنىڭ نەتىجە قازىنىش يولىدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىلەر.

ئەركىن ئىمىنوفنىڭ ھاياتى كەچۈرمىشلىرى، نەتىجە قازىنىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ھەممەيلەنگە ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بېغىشلىغۇسى.

ئەركىن ئىمىنوف نۆۋەتتە ئائىلىسى بىلەن قازاقىستاندا ياشىماقتا. بىز ئۇنىڭغا يېڭى نەتىجىلەرنى تىلەيمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.