د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى

2 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى.

0:00 / 0:00

تونۇلغان زىيالىي رىزا سەمىدى، تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەنقەرە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە بۇ داۋانى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بولۇپمۇ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ سۆزى ۋەكىللەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.