ۇ يېزىلاردا ھەر بىر ئائىلىگە 25 تىن توخۇ بېقىشنى ۋەزىپە قىلغان. دېھقانلار 4 يۈەندىن مەجبۇرىي سېتىۋالغان چۈجىنىڭ بازاردىكى باھاسىنىڭ بىر يۈەن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، چۈجىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغاندا تەھدىتكە ئۇچرىغان.
3 يىلدىن بېرى بۇ «خاسىيەتلىك» چۈجىلەرنى ئەي قىلىپ بولالمىغان يېزا ئاھالىلىرىدىن بىرى يېقىندا رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
خەلق شائىرى ھېكىم سىيىت ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شېئىرى ئارقىلىق يېڭىسار ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ دېھقانلارنى مەجبۇرىي جاڭدۇ تېرىتىش پىلانىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەھۋال، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە داۋام قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى دېھقانلارنى باي قىلىش نامى ئاستىدا دېھقانلار ئۆزى خالىمىغان ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىگە مەجبۇرلانماقتا. خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىدا دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى ئۆزى خالىغان جايدىن سېتىۋېلىش ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى خالىغان باھادا سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما خىتاينىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلىرى بۇ بەلگىلىمىگە ئاشكارا ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
يېزا دېھقانلىرى مەجبۇرىي سېتىۋالغان بۇ چۈجىلەرگە «خاسىيەتلىك چۈجە» دەپ كىنايە ئىسىم قويغان. ئەمما بۇ چۈجىلەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن، نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چۈجىلەرنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغان.
ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىدىكى بۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتىنى، خەلق شائىرى ھېكىم سېيىت ئۆزىنىڭ «يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرىدا ئەپچىل ئىپادىلىگەن ئىدى.
ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى ئاخىرى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر چۈجىلەرنى ساتقان فېرمىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى بىلەن شېرىكچىلىكى بارلىقىنى بايقىغان.
رادىئومىزغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلارنىڭ زاۋۇت، كارخانىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، دېھقانلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش ئەھۋالى يالغۇز بۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى بايقاشمۇ قىيىن ئەمەس.
خەلق شائىرى ھېكىم سىيىت شېئىرى سەۋەبلىك ئۆزى كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىككە يولۇققان بولسىمۇ، بۇ شېئىرنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى سەۋەبىدىن دائىرىلەر مەجبۇرىي جاڭدۇ تېرىتىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. نۆۋەتتە ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىنىڭ نارازىلىقلىرى گەرچە دائىرىلەرنى يولسىزلىقلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە قادىر بولالمايۋاتقان بولسىمۇ، بۇ نارازىلىقنىڭ پات يېقىندا ئەۋج ئېلىش ۋە دائىرىلەرنى تەمتىرىتىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلمەكتە.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە ھېكىم سىيىتنىڭ مىسرالىرىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.