خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىققان زاۋۇت-كارخانىلار قەشقەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىماقتا

ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، جاڭ چۈنشيەن ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

0:00 / 0:00

ئۇ سۆزىدە «بۇ ئۆلكىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇنداپ، ياردەم بېرىلگۈچى ئورۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى» دېگەن. ئەمما رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كىشىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى نان تېپىپ يەيدىغان ئازغىنە يېرىدىنمۇ ئايرىپ قويغان.

شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «تۈرلەر بويىچە ياردەم قىلىش» نامى بويىچە 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېنېرگىيە، كان، پەن-تېخنىكا، قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بويىچە، ھەرخىل زاۋۇت-كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىگە چىقىپ، قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.

شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، زور تەرەققىياتلارنى قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش ئىمكانى يارىتىۋاتقانلىقى كۈندە دېگۈدەك تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېقىندا خېيلوڭجاڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، بۇ 19 ئۆلكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئاپتونوم رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا قىلغان سۆزىدە بۇ 19 ئۆلكىدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، قەشقەر، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىنى زورايتىشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.

مەيلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن، مەيلى رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن بولسۇن، ھازىر ھەرقايسى ناھىيە-يېزا بازارلىرىنى ئىچكىرىدىن كەلگەن كارخانىلارنىڭ سېلىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرى قاپلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بىزنىڭ يەرلىكلەردىن ئالغان ئىنكاسلىرىمىزدىن قارىغاندا، ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چىققان بۇ زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ خاتىرجەم قۇرۇلۇش قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، كىچىككىنە يېرىگە تايىنىپ جان باقىدىغان دېھقانلار جان بېقىش مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغان. قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىدىكى بىر كىشى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئىنكاس قىلدى.