رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تۈرلۈك ناملاردىكى بۇيرۇق ھەم ئۇقتۇرۇشلار ئارقىلىق بارغانچە ئېغىر بولغان كونتروللۇق ھەم چەكلىمىلەرگە ئۇچراشقا باشلىغان.
ئىلى دىيارىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلى رايونىدا نۇقتىلىق ھالدا دىنىي ئېتىقادقا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەر قويۇلۇپ، مەسچىتلەرگە قارىتىلغان نازارەت ھەم تەكشۈرۈشلەرنىڭ بارغانچە كۈچەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، غۇلجىدىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەر ئەتراپىدا قوراللىق ساقچىلار ھەم ھۆكۈمەت كادىرلىرى مەسچىتكە كىرگەن-چىققانلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى، مەسچىتكە ئىمام، خاتىپلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىرگەنلەرنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى مەسچىتكە ئورنىتىلغان تىل-كامېرالار ئارقىلىق كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئىلى رايونىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نامازنى ئۆيىدە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ھەم باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە بارىدىغانلارمۇ بارغانچە ئازلاپ كەتكەن.
بۇ كىشى ئۆز بايانىدا يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى ھەم كىيىملىرىگە دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك ھەققىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەر قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەم ساقال قويغانلىقى سەۋەبلىك ساقچىلارنىڭ بىرقانچە قېتىملىق تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، تۈرمىدە يېتىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى ئائىلىلىرىدە نورمال ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان مەۋلۇت ئوقۇتۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە چوقۇم يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تۈرلۈك قائىدە - بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز بوغۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ھەم خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى بۇ مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىردى.