دۆلەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مائارىپى ۋە دىنى ئەركىنلىكى ھەققىدە ئېيتقانلىرى
يېقىندا قەشقەردىن ئىستانبۇلغا كەلگەن دۆلەت ئىسىملىك كىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پەن - مائارىپى ۋە دىنى ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى قوش تىللىق مائارىپ شۇئارى ئاستىدا ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوقۇتۇش چەكلەنگەن بولسا، مانا ئەمدى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توۋەن يىللىقىدىن باشلاپ، قوش تىل نامى ئاستىدا خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ئۇ يەنە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻠﺎﻥ
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.