ئۇيغۇر دېھقانلىرى قىشتا دېھقانچىلىقتىن بىكار بولسىمۇ ھاشاردىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانچىلىقنىڭ ئارام ۋاقتى بولسىمۇ ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك ھاشارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلانماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.26
Uyg-dixan-hashar1-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﺷﺎﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA File

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 2004 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنى پۈتۈنلەي تۈگىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، رادىئومىز ئىگە بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەرنىڭ بەزى يېزىلىرىدا ھاشا ئوخشاشلا داۋام قىلماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتىنى ئاڭلىتىمىز.

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى 24 - نويابىر " دېھقانچىلىق توختىسىمۇ دېھقانلار ئەمگەكنى توختاتمىدى" دېگەن ماۋزۇدا بىر سۆرەتلىك قىسقا خەۋەر ئېلان قىلدى. مەزكۈر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى دېھقانلارنىڭ قىشلىق ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىپ ئۇلارنى ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بەش ئېرىق يېزىسىدىن دېھقانلار مەزكۈر يېزا ئەتراپىدىكى 6000 گېكتار كېۋەزلىكلەرگە سۇ سىڭمەس ئېرىق ئۆستەڭ ۋە تېمىتىپ سۇغۇرۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن 3250 ئادەم قېتىم ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنداقلا دائىرىلەر دېھقانلارغا قىش پەسلى رەسمىي كىرىپ بولغىچە بۇ قۇرۇلۇشلارنى تاماملاشنى ۋەزىپە قىلغان ئىكەن.

مەزكۈر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاۋات ناھىيىسىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن دەرۋەقە دېھقانلارنىڭ ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئاۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەت تارمىقىدا يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش ئۇيغۇر كاتىپ بۇ يېزىدا داۋاملىشىۋاتقان ھاشا ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا قىسقىچە جاۋاب بەردى.

بەش ئېرىق يېزىسىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈۋاتقان بىر 18 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئۆزىنىڭمۇ ئىككىنچى تۈركۈمدە ھاشارغا تىزىملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىم ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرغان دېھقانلارغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ قانچىلىك دېھقاننىڭ ھاشارغا تۇتۇلغىنىنى سورىغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي نۆۋەتچى خادىم، ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ شەندۇڭدىن بۇ ناھىيىگە يېڭى كەلگەنلىكى ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلاردىن تولۇق خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ " ئىشقىلىپ بۇ يەردە ئۇيغۇرلار خېلى جىق" دېدى.

ئۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي دېھقانلار ھاشارغا قاتناشمىدى؟ دەپ سورىغان سوئالىمىزغا، "ئۇلار ئانچە جىق ئەمەس بولسىمۇ، ئاساسەن ئاشخانا ئاچىدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلار " دەپ جاۋاب بەردى.

بىز ئۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2004 - يىلى ھاشانى تۈگىتىمىز دېگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا يەنە نىمىشقا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ھاشارغا تۇتىدۇ ؟دەپ سورىدۇق.قوماندانلىق مەركىزىدىكى بۇ خىتاي " سىز ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتقان مۇخبىر بولغاچقا مەن قالايمىقان جاۋاب بەرسەم بولمايدۇ. ھاشارغا ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئادەم كەلدى، ئەمما بۇ ھاشارغا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. شىنجاڭ ئالاھىدە رايون بولغاچقا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار ئەمەسمۇ" دېدى.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، دېھقانلار ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىشلىق ئارام مەزگىللىرىدە ئۇلارنىڭ بىرەر قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنىڭ، تەشكىللىك ئۆكتىچى قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قىشلىق ئارام ۋاقتىدىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش ھەمدە ھاشارغا ئوخشاش ئەمگەكلەر بىلەن مەشغۇل قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.