فىلىمدە يېقىنقى20 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ،
ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ھالدا، بېيجىڭنىڭ شەرقىي قوۋۇق رايونىدا تۈرلۈك تىجارەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
فىلىم تۇدوۇ تور بېكىتىگە قويۇلغاندىن كېيىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىنگىچە بولغان 3 كۈن ئىچىدىلا فىلىمنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 21 مىڭ 607 گە يەتكەن، 400 دىن ئارتۇق كىشى بۇ فىلىمگە قارىتا ئۆز ئىنكاسلىرىنى بايان قىلغان. گەرچە ئىنكاسلار ھەر خىل مەزمۇنلاردا يېزىلغان بولسىمۇ، ئاساسەن فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن بۇ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆز مېھنىتىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنىلا بېيجىڭ پۇقرالىرى ھەم ساقچى قاتارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلىنىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى سەۋەبىدىن تەنقىدلەش خاھىشىدىكى ئىنكاسلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن.
فىلىمگە قارىتا ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن بىرەيلەن شۇنداق يازىدۇ: "مەن بىر خىتاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ فىلىمنى كۆرگەن چېغىمدا بىر تەرەپتىن فىلىمدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتتىكى مىللىي سىياسىتىمىزدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇرلار بېيجىڭدەك مۇشۇنداق بىر خىتاي شەھىرىدە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ھالال ئەمگىگە تايىنىپ شۇنچە ئېغىر بېسىملار ئىچىدىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋېتىپتۇ. ئۇلار ياقا يۇرتلۇق باشقا تىللىق كۆچمەنلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرالغۇ، داۋالىنىش، تىل جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىن سىرت، تېخىمۇ يامان بولغىنى، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بولغان خىتاي پۇقرالىرى ھەتتا خىتاي ساقچىلىرىدىن ئىبارەت ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋېتىپتۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ خىل كەمسىتىلىشنىڭ تۈپ يىلتىزى زادى قەيەردە؟"
يەنە بىرەيلەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى مۇنداق يازىدۇ: "ھەر بىر مىللەتكە قارىتا، بىزدە ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر بىز خىتايلاردا بۇ نەرسە يوق دېيەرلىك. چوڭ خىتايچىلىق ۋە مەنمەنچىلىك خاھىشى ھازىر زور كۆپچىلىك خىتاي مىللىتىدىن بولغان كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتتى. نەچچە يىللاردىن بۇيانقى ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلىۋاتقان " يانچۇقچىلار"، " زەھەرلىك چېكىملىك" ۋە ئەيدىز ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە خەۋەرلەر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭدا ھازىرقى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر! مانا ھازىر شىنجاڭدىكى 3 مەسىلە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، 1 - خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ بۇ زېمىنغا يۆتكىلىپ يەرلىكلەرنىڭ ھاياتلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، 2 - ئۇيغۇر كادىرلار پارتىيە سېكرېتارى بولالماسلىقى مەسىلىسى، 3 - قوش تىللىق مائارىپنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يوقىتىۋاتقانلىقى مەسىلىسى. مانا بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىمۇ مانا مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقتى."
فىلىمنى كۆرگەن بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ھېس -تۇيغۇلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىگەن: "مەن بىر ئۇيغۇر، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ مېنىڭ يۈرەك باغرىم ئېزىلىپ كەتتى. خىتايلاردا بىر ماقال بار "ئادەمنىڭ خۇلقى پەيلىنى ئىتنىڭ نەزىرىدە كۆزىتىش" دەيدىغان، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئەنە شۇنداق نەزىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى "ئوغرى - يانچۇقچىلار" بىلەن باغلاپ ئۇيغۇرلارغا باھا بېرىۋاتىدۇ، ئەنە شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي شەھەرلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز يېرىدىمۇ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتىدۇ. ھەر قانداق بىر ئاقكۆڭۈل ئىنسان تىنچلىق ئىچىدە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەيلى پۇقرا بولسۇن، مەيلى ساقچى بولسۇن، سوتچى بولسۇن ۋە ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسۇن باشقىلارغا كەمسىتىش نەزىرىدە قارىغانلار، پۇقرالار ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، زىددىيەتنى ئۇلغايتقانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئەڭ رەزىل، ئەڭ بىچارە كىشىلەردۇر! بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز گەرچە مۇشەققەتلىك ۋە نامرات بولسىمۇ، ئەمما ھاياتلىق ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، بىز بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تىرىشىپ ئىلگىرىلەيمىز!"
ئۇ فىلىمدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا خىتاب قىلىپ، "سىلەر ئەركىن ئادەملەر، نەدە ياشىغۇڭلار كەلسە شۇ يەردە ياشاڭلار. خىتاي دۆلىتى بىز 56 مىللەتكە تەۋە. سىلەر ئاشۇ كىشىلەرگە ئىت نەزىرى بىلەن قارايدىغان ئاشۇ بىر قىسىم ساقچىلارغا پەرۋا قىلماڭلار. مەن سىلەرنى قوللايمەن. ئۆزۈڭلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقۇڭلارغا تايىنىپ كەلگۈسى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۈچۈن گۈزەل كېلەچەك يارىتىڭلار!" دەپ يازىدۇ.
بۈگۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە تىرىكچىلىك غېمىدە، ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئېلشات ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەم نۆۋەتتە ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ھازىرقى سىياسىتى ئۆزگەرمىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان ھوقۇققا ئېرىشكىنىدىلا ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي زىيالىيسى ۋاڭ داخاۋ ئۇيغۇر بىز تور بېتىدە ئېلان قىلغان "مىللىي مەسىلىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى مىللىي ھوقۇق" ناملىق ماقالىسىدىمۇ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تېگىشلىك مەسىلىنىڭ مىللىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، " مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى، مىللىي باراۋەرلىككە ئوخشاشلا مۇھىمدۇر، پەقەت ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ياشاش تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ھەقىقىي ھالدا قولغا ئالغىنىدىلا، ئاندىن خىتايدىكى ھازىرقى مىللىي مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ!" دەپ يازغان ئىدى.
ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى خەلقئارادىلا تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولماستىن، بەلكى خىتايدىكى ئۆكتىچى زىيالىيلارمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە كەمسىتىشنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭنىڭ "مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق ئەسىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ شىاۋبو قاتارلىقلار تۈزگەن "2008 - يىللىق قانۇن تەكلىپ لايىھىسى" قاتارلىقلاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى تەنقىدلەنگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.