ئۇيغۇر دېھقان نامايىشچىلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا توسۇۋېلىندى

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى قاراتاغىز يېزىسىدىن بېيجىڭغا كەلگەن بىر توپ دېھقانلار، شەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ۋە مەجبۇرى ھالدا بېيجىڭدىكى بىر ئەرزدارلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﺗﺎﻏﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ  ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ  ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻴﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯧﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯘﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

http://peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى قاراتاغىز يېزىسىدىن  بېيجىڭغا  كەلگەن بىر توپ دېھقانلار، شەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ۋە مەجبۇرى ھالدا بېيجىڭدىكى بىر ئەرزدارلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى 25 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ بىر گۇرۇپپا نامايىشچى، تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن جايدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن، ئىككى سەپ بولۇپ تىزىلىپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان.

نامايىش يېتەكچىسى سەپنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان. يۈرۈش ئاپتوبۇس بېكىتى بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانى ئارىسىدىكى 2 كىلومېتىر مۇساپىدە داۋام قىلغان.

بۇلار ئەسلىدە بېيجىڭغا، ئۆزلىرىنىڭ پاختا ۋە چىلان قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشقا يول قويۇلمىغانلىقى ۋە 50% تۆۋەن باھادا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتكە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرى تەۋە دېھقانچىلىق مەيدانى رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر ئىكەن.

بىر ئەرزدارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ ئەرزدارلار دۈشەنبە كۈنى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى، ئەگەر قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، نامايىش ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىغا قايتا چىقماقچى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت