5 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى تەڭرىتاغ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ يىل دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز مالىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زىرائەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇقىنى كېڭەيتىش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈر مەبلىغى ئۈچۈن، ئالدىن 426 مىليون 970 مىڭ يۈەن ئاجراتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆتكەن يىللىق ئەمەلىي تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ 2.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ يىللاردىن بۇيان نامرات دېھقان ئائىلىلىرىگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلاردىكى، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىراجىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقاندەك " دېھقانلارغا مېھرى- شەپقەت يەتكۇزۇش " سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باياشات ياشاۋاتامدۇ ؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات دېھقانلار ئېرىشىۋاتقان ياردەم زادى قانچىلىك ؟
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيەسىگە تېلىفون قىلغان بىر دېھقان، ھازىرقى بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكى ھەم نامرات دېھقان ئائىلىلىرىگە ھۆكۇمەت تەرەپتىن بېرىلىۋاتقان ياردەم پۇلى، ھۆكۇمەتنىڭ دېھقانلارغا ئەتىياز مەزگىلىدە بېرىدىغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى توۋەن ئۆسۈملۇك قەرز پۇلى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۇمەت دائىرىلىرى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، پارتىيىنىڭ مېھىرى - شەپقىتىنى دېھقانلارغا يەتكۇزۇۋاتقانلىغىنى بايان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دېھقانلار ئىنكاس قىلىۋاتقان تۈرلۈك ئەھۋاللار دېھقانلارنىڭ يەنىلا نامراتلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.