ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەلەستىنگە ئايلانماقتا

چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى تور بەتلەردە "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەلەستىنگە ئايلانماقتا" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى خىتاي زىيالىيلىرىدىن چېن ۋېيجيەن ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسى ۋەزىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىدىن ئۆزگىچە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا تىرىشقان.

0:00 / 0:00

1952 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان چېن ۋېيجيەن 80 - يىللاردا خىتايدا دېموكراتىك قاراشتىكى بىر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان بولۇپ، 1991 - يىلى يېڭى زېللاندىيىگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئۇ بۇ دۆلەتتە چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى بىر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئاتقۇرماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن

چېن ۋېيجيەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: "پۈتۈن دۇنيا تىبەتتىكى مىللى زۇلۇم ۋە مىللى قارشىلىققا دىققىتىنى ئاغدۇرۇۋاتقاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللى مەسىلىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئولىمپىكنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ساقچى تەرەپنىڭ 12 - ئاۋغۇست قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پاش قىلغانلىقىنى ۋە پەيزىۋاتتىكى قوناقلىقتا، 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.... بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش دىلولىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇر رايونىدا كۆپلەپ يۈز بەردى."

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇردى

چېن ۋېيجيەن ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: "ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، يىراقنى قويۇپ 1997 - يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىدىن باشلىساق،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ 1997 - يىلىدىكى بۇ ئومۇمى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەزەلدىن زوراۋانلىق كۈچ بىلەن باستۇرۇش بولدى. يەنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپلىگىنىدەك، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى باش كۆتۈرگەن ھامان قاتتىق باستۇرۇش ۋە بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى،" دەپ يازىدۇ.

خىتايچە مائارىپ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتىشتىكى ۋاستە

چېن ۋېيجيەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى شۇنداقلا بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن پاجىئەلىرى ھەققىدە توختىلىپ: "ئىستاتىستىكا رەقەملىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ھەر ھەپتىدە 2 مىڭدىن 3 مىڭغىچە خىتاي ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ يەردىكى نوپۇسنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى خىتايلار ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ رايوندىكى خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنى ھەدەپ كۈچەيتمەكتە ۋە مىللى تىلدا تەلىم كۆرگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلى ئۆتكىلىنى مەجبۇرىي تاڭماقتا. خىتاي تىلىنى ياخشى بىلمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلماقتا. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ 8 - دەرىجىدىن يۇقىرى خىتاي تىلىنى بىلىشى شەرت قىلىنماقتا. مىللى كەمسىتىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن سۈپۈرۈپ تاشلانماقتا،" دەپ يازىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلماقتا

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسى ۋە دىنىي زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "سىياسى جەھەتتە يېزىلاردىن باشلاپ بارلىق 1 - قول ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى خىتايلار ئۈستىگە ئالغان. 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرى بولغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر شۇنداقلا روزا تۇتۇش پائالىيىتىگىمۇ ھۆكۈمەت ئارىلىشىدۇ ۋە بېسىم ئىشلىتىدۇ،" دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زامانىۋى يېڭى يېزا قۇرۇش باھانىسىدە،ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى مەغلۇپ بولدى

چېن ۋېيجيەن ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: "خىتاينىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. شىنجاڭ مەسىلىسى - مىللىي مەسىلە،دىنىي مەسىلە شۇنداقلا باي‏ - كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسىدۇر. بۇ ئۇچ مەسىلە ئۇيغۇر رايونىدا پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بومبا ئۈچۈن پىلىكلىك رول ئوينىماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا،خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى ئاساسىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى،" دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رېگاننىڭ " ھۆكۈمەت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى مەسىلىگە ئايلىنىدۇ،" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك

دېموكراتىك قاراشتىكى خىتاي زىيالىيسى بولغان چېن ۋېيجيەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە تۇتقان مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ: "نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى پەلەستىنلىكلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايلارنى سىرتتىن كەلگەن مىللەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بولسا ئۆزلىرىنى مەجبۇرىي بويسۇندۇرغان ھۆكۈمەت، دەپ قارايدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى زوراۋانلىققا ۋە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىگە تايىنىپ ئۆرە تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتتۇر. خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ كوممۇنىستلارنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ئۇلار سىڭدۈرگەن چوڭ خىتايچىلىق روھى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سەلبىي مۇئامىلە قىلماقتا. مىللى مەسىلىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولماقتا. شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوخشاشلا بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى دەپ قارايدۇ،" دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر رايونىدا خۇددى پەلەستىندىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرى ئايرىلغانلىقىنى، ھەتتا پۈتۈنلەي خىتاي بولغان بازار ۋە شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدۇ ۋە: "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى زوراۋانلىق يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، بۇ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىققان قىساس ئوتى ئاخىرى بېرىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ،" دەپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.