ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىماقتا

ئۇيغۇر ئېلى مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېغىر بولغان بىر يىل بولغان بولۇپ ،ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ يۈز بېرىشكە باشلىغان قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرى كۆپ قىسىم جايلارغا كەڭ دائىرىدە ھەم ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

0:00 / 0:00

يايلاقلاردا ئاپەت قوش بولماقتا

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئەتىياز باشلىنىشى بىلەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 5 - ئايدىن باشلاپ ئۈچ قېتىم كەڭ دائىرىدە ئۈچ كۈندىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى داۋام قىلىپ ھۆل يېغىن مىقدارى ئالاھىدە ئازلىغان ،بەزى جايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قانچە كۈن 45 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ كەلگەن.

پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرا ھەم ئۇزۇن مەزگىل ھۆل يېغىن بولماسلىق سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ كەڭ دائىرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىشكە باشلىغان ، بولۇپمۇ ئوتلاقلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ ، يايلاقلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا ئۇچراش كۆلىمى %38 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي، چۆچەك،ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى ئوتلاقلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ ،بۇ رايونلاردا بۇ يىل ھوسۇلسىز قالغان يايلاق كۆلىمى %60 كە يېتىدىغان بولۇپ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بۇ يىل ئوتلاقلاردىن ئېلىنىدىغان ھوسۇل %90 كېمىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

"بالا كەلسە قوش كەپتۇ" دېگەندەك يايلاقلاردا كەڭ دائىرىدە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىشى بىلەن ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىدا يەم ‏ - خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ھازىرغىچە 12 مىليون تۇياق چارۋا مالغا يەم ‏ - خەشەك يېتىشتۈرەلمەسلىكتەك جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج ئېغىر ئاپەتكە يۈزلەنگەن.

ھازىرغىچە ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ، چارۋىچى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ نەچچە يۈز مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن.

ئالتاي تەۋەسىدىكى قۇرغاقچىلىقتىن كۆرۈلگەن بىۋاستە زىيان 115 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. قۇرغاقچىلىق بالايى ئاپىتىگە ئەگىشىپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق يەر مەيدانلىرىدا نۆۋەتتە چاشقان ئاپىتىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ ، 3 مىڭ 343 مو دائىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

جەنۇبتىكى تېرىلغۇ جايلارمۇ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە قالدى

قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان يايلاقلاردا مال ‏ - چارۋىلاردىن باشقا ياۋايى ھايۋاناتلارمۇ ئۇسسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ، ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدىكى تەبىئىي قوغداش رايونلىرىدا تەبىئىي كۆللەرمۇ قۇرۇشقا باشلىغان ، تۈلكە، تېكە، ياۋا ئېشەك، ياۋا ئات قاتارلىق قوغدىلىدىغان قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھاياتىمۇ ئۇسسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن خەۋپتە قالغان بولۇپ، قارامايلى تەۋەسىدىكى تەبىئىي قوغداش رايونلىرىدا بۆرىلەرنىڭ ئاچلىقتىن چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ ھەم قوتانلىرىغا يېقىنلىشىپ مال چارۋىلارغا ھۇجۇم قىلىش ھادىسىلىرى يۈز بەرمەكتە ئىكەن .

يەتتىنچى ئاي كىرىشى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ ھۆل يېغىن كەم بولۇش ھەم تومۇز ئىسسىقنىڭ تەسىرىدە، سۇ ئامبارلىرىدا سۇ قۇرۇش، تېرىلغۇ يەرلەرگە سۇ يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋاللار قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئاپەتكە ئۇچراش كۆلىمى 12 مىليون 200 مىڭ موغا يەتكەن. ئاپەت يۈز بەرگەن كۆلەم 6مىليون 400 مىڭ موغا ، ھوسۇلسىز قالغان يەر كۆلىمى بىر مىليون 320 مىڭ موغا يېتىپ دېھقانلارغا ئېغىر زىيان بولغان .

جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان زىرائەتلەر ئاساسلىقى ، كېۋەز، كۆممىقوناق، ياغلىق دان،قىزىلچا قاتارلىقلار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى تۆۋەن بولماقتا

گەرچە ئۇيغۇر ئېلى يىللاردىن بۇيان تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ،خەۋەرلەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەم قۇتقۇزۇشتىكى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى يەنىلا ئاجىز بولۇپ ، شۇ سەۋەبتىن تەبىئىي ئاپەتلەردىن كېلىپ چىقىۋاتقان زىيانلار ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ يىل قىشتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئۈششۈك ئاپىتىدىمۇ ئادەملەرنىڭ ئۈششۈپ ئۆلۈش ، مال ‏ - چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ، مېۋە كۆچەتلىرىنىڭ ئۈششۈپ ئېغىر زىيان كۆرۈلىشىدە ، مېترولوگىيە ئىدارىسى قاتارلىق دائىرىلەرنىڭ دېھقان ، چارۋىچىلارنى ئۈششۈك ئاپىتىدىن ئالدىن خەۋەرلەندۈرمىگەنلىكىمۇ ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى ئىدى.

شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچىمۇ، نۇر بەكرى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تېلېۋىزىيە ‏ - تېلېفون يىغىنىدا ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ قۇرغاقچىلىقنى نۇقتا قىلغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەبئىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .

خىتاي دېھقانچلىق مىنىستىرلىقىمۇ ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مېترولوگىيە ئىدارىلىرىنىڭ ئالدىن كۆزىتىش ھەم ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان ئاپەتنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، سۇ تېجەش قۇرۇلۇشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىش، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ قېتىم داۋام قىلىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى 1974 - يىلىدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن . ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر قانداق قۇتقۇزۇش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاپەتتە قالغان دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ، ئاپەتنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئومۇمىي ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە بۇ ئاپەتنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات تارقاتمىدى .

ئۈرۈمچى مېترولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 24 - ئىيۇل كۈنى سەھەردىن باشلاپ ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ،تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگە يامغۇر يېغىپ، قۇرغاقچىلىقتىن چاڭقىغان تۇپراققا ئازغىنە نەملىك يەتكۈزگەن بولسىمۇ ، تومۇز ئىسسىق يەنىلا ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ يىل ھەتتا سېنتەبىر ھەم ئۆكتەبىر ئايلىرىمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا پەۋقۇلئاددە ئىسسىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.