خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دىيارىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات پەرھات، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرەلى ئېلى، باشقۇرغۇچىسى مۇھەممەت ۋە باشقا تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم بۇ تور بەتلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى تېخىچە قاماقخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، دىلشات پەرھات قاتارلىقلار 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تۇنجى قېتىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇندىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەن. بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ھازىر قايسى تۈرمىدە قاماقلىق ئىكەنلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلىنىش خەۋىپىدە تۇرۇۋاتقان دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى، دىيارىم تور بېكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۆھمەت قىلىنىپ، بۇ تور بېكىتى ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھازىر خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دىلمۇرات ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا جىددىي قارىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئادالەتسىز سوتىدا سوتلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.