شۇندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىدىكى 100 دىن ئارتۇق تور بېكەتلىرى بۇيرۇق بىلەن تاقىلىش بىلەن بىللە، بۇ تور بەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى ئەھۋال ئىگىلەش باھانىسىدە تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
دىيارىم تور بېكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى ھازىر ئەنگىلىيىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئېنىق بىلىدىغان كىشىلەردىن، ئىنىسى دىلشات پەرھات؛ سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرئەلى؛ سەلكىن تورىنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى مۇھەممەت، دىيارىم تور بېتىنىڭ خىزمەتچىسى ئوبۇلقاسىم، دىيارىم تور بېتىنىڭ خالىسانە باشقۇرغۇچىلىرىدىن "مۇزتاغ"، " لۈكچەك"،" يانچۇقچى" قاتارلىق تەخەللۇسى بار كىشىلەر؛ دىيارىم تور بېكىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە خالىسانە رىياسەتچىلىك قىلىپ بېرىدىغان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن خەيرىنىسا ۋە خالنۇر ئىسىملىك ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچى، ھەم دىيارىم تورىغا ماقالە يازىدىغان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ قارا تۈرمىلىرىدە ھېچقانداق تۇتۇش بۇيرۇقى بولمىغان ھالەتتە، مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە دىيارىم تور بېتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، تور بەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان، جەمئىيەتتە يېتىم - يېسىر، مېيىپلەرگە ياردەم قىلىشنى ئاساسى بۇرچى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۆھمەت قىلىنىپ، تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
دىلمۇرات ئەپەندى يەنە دىيارىم تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەم بۇ تور بېكىتىگە كىرگەنلىكى كىشىلەرنىڭ ھازىر خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا جىددىي قارىشىنى، ئۇلارنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئادالەتسىز سوتىدا سوتلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دىيارىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.