ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىش ئەۋجىگە چىقماقتا

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 25 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان "خىتاي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتمەكتە" ناملىق خەۋىرى، غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ 500دىن ئاشقانلىقى، يالغۇز قەشقەر شەھىرىدىلا 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر خادىمىنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپرىقىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىشى ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. تۇتقۇن قىلىشلار خىتاي ئارمىيىسى، ساقچىلىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئېلىپ بېرىلماقتا" دېگەن سۆزى نەقىل قىلىنغان. خەۋەردە 4 - ئاۋغۇستتىن ھازىرغىچە، 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەكلىماكان ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

د ۇ ق باياناتچىسىنىڭ سۆزى

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ مەلۇماتلارنى د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ باياناتىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دىلشات رېشىت بۇ توغرىدا قەشقەردىن ئۈزلۈكسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەستىقلىدى.

دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىشلاردا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسقا تايىنىشقا ئېتىبار بەرمىگەن. گۇمانلىق دەپ قارىغانلىكى كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ سولىغان. ئۇ سۆزىدە، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى كىملەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغانلىقىنى ۋە نەگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، جىنايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. دىلشات رېشىت گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە خىتاينىڭ قانۇن ۋە ئارمىيە ساھەسىدىكى ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ ئورتاق قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كىشىلەر ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ

ئۇ سۆزىدە يەنە، بۈگۈن قەشقەردە داۋام قىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىشلار تۈپەيلى، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىغان، كوچىلاردا ئەركىن يۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەرگە كىرىپ چىقىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى قامال قىلىنغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شى داگاڭ، قەشقەردە داۋام قىلغان قاتتىق باستۇرۇش، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قەشقەردە مۇقىملىق، تىنچلىقنى بەرپا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

قەشقەردىكى تۇتقۇننىڭ خاراكتېرى

دىلشات رېشىتنىڭ ئىزاھلىشىچە، شى داگاڭ بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن "مىڭ ئادەم خاتا تۇتۇلسا تۇتۇلسۇنكى، بىر ئادەم توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن" دېگەن مۇستەبىت سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دىلشات رېشىت يەنە، قەشقەردە داۋام قىلىۋاتقان بۇ باستۇرۇش تۈپەيلى د ئۇ ق نامىدىن دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە دۇنيا جامائىتىگە مۇراجەتلەر ئېلان قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رەھىمسىز، مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.