موڭغۇلىيىدە يېڭىدىن تېپىلغان ئورخۇن يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئائىت يادىكارلىقلار

يىغىندا بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىنى يېڭىدىن يېزىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

0:00 / 0:00

8-ئاينىڭ 15-ۋە 16-كۈنلىرى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلامباتۇردا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى: باشلانغۇچ مەزگىلى ۋە يېزىقلار مەزگىلى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە كۆپلىگەن يېڭى تەتقىقات دوكلاتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. بۇ يىغىندا، 16 دۆلەتتىن كەلگەن 70 ئەتراپىدا تۈركولوگ، ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى كۆكتۈرك دۆلىتى، ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە ئىدىقۇت دۆلىتى دەۋرىگە ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ بۇلارنىڭ كۆپى يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت يېڭى تېپىلغان تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەر ھەققىدە ئىكەن. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئىلىم ئادەملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ-تۆت يىلدىن بېرى ياپونىيە ۋە كورىيىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن موڭغۇل ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بالاساغۇن شەھىرىدە قېزىش ئېلىپ بېرىپ قەدىمكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، ئۇيغۇر مازارلىرى، ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۆي جابدۇقلىرى ۋە يېزىقلارنى تاپقان. ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، موڭغۇلىيىدە تېپىلغان بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

Orhun-yenisey-Uygur-Dolitining-paytehtining-ichki-qismi-385.jpg
ئورھۇن يەنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختىنىڭ ئىچكى قىسمى. 2011-يىلى ئاۋغۇست. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىنى يېڭىدىن يېزىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۈگۈنكى موڭغۇلىيە زېمىنىدا ھۆكۈم سۈرگەن قەدىمكى ئورخۇن يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بالاساغۇندا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشتا نېمىلەر تېپىلدى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى رولى نېمە، راستىنىلا ئۇيغۇر تارىخىنى يېڭىدىن يېزىپ چىقىش كېرەكمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن موڭغۇلىيىدىن يېڭى قايتىپ كەلگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.