ئۇيغۇرلار مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ تۇنجى قېتىم تۈرك پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئېلىپ كىرگەن كىشى ئىكەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى ئېيتىشتى.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تۈركىيىنىڭ قەھرامان ماراش ۋىلايىتىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يوزگات ۋىلايىتىگە كېتىۋاتقاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ غايىپ بولغان ئىدى. تاغقا ئۇرۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يېنىدىن 48 سائەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.
بۈگۈن يەنى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدە دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە رېئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى ئىلكەر باشبۇغ، مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ۋەتەنداشلاردىن بولۇپ يۈزمىڭلارچە كىشى

قاتناشتى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى بولغان قوجاتەپە جامىسىدىكى جىنازە نامىزىغا يۈزمىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ مۇسىن يازىجىئوغلۇنىڭ تابۇتى ئۈستىگە تۈرك بايرىقى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق قويۇلغان. بىز قوجاتەپە مەقسىتىدە بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى، 1954 - يىلى تۈركىيىنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىنىڭ شارقىشلا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مۇھسىن يازىجىئوغلۇ 1987 - يىلى مىللەتچى چالىشما پارتىيىسىدە سىياسەتكە باشلىغان بولۇپ، 1993 - يىلىدا بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنى قۇرغان. 1995 - يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان مۇھسىن يازىجىئوغلۇ، ھازىرمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىدى.