شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ' ۋەكىلى' ۋاپات بولدى

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تۈركىيىنىڭ قەھرىمان ماراش ۋىلايىتىدىن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ يوزگات ۋىلايىتىگە كېتىۋاتقاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ غايىپ بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

تۈرك ئارمىيىسى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى كېچە كۈندۈز ئىزدەپ 48 سائەتتىن كېيىن، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يەرنى تاپتى. ئايروپىلان تاغغا ئۇرۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەردىن 6 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلىمۇ بار.

جەسەتنى تاپقان يېزا باشلىقى تېلېۋىزيە مۇخبىرىغا "تۈركىيە بىر ئېسىل سىياسەتچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قايغۇ ئىچىدىمەن " دەپ خەۋەر بەردى.

مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ قازادا ۋاپات بولغانلىقى خەۋىرى پۈتۈن تۈرك خەلقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنى ماتەمگە بوغدى. دۇق باش سېكرىتارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇھسىن يازىجىئوغلى بىلەن 1994 - يىلى تونۇشقانلىقىنى، 1998 - يىلى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى تۈركىيىدە چاقىرىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە بېسىمىغا قارىماستىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى زالدا قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۇنجى قېتىم تۈرك پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرگەن كىشى ئۇنۋانىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ ئېسىل، دۇرۇس سىياسەتچىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ ۋاپاتى پەقەت تۈركلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈنمۇ زور بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دۇق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 2 - ئاينىڭ بېشىدا مۇھسىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۆتكەن ئاي تۈرك پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى، 1954 - يىلى تۈركىيەنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىنىڭ شارقىشلا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مۇھسىن يازىجىئوغلۇ 1987 - يىلى مىللەتچى چالىشما پارتىيىسىدا سىياسەتچىلىك ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، 1993 - يىلىدا بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنى قۇرغان.

1995 - يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان مۇھسىن يازىجىئوغلۇ، ھازىرمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.