خىتاي كېيىنكى بەش يىلدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 12 ‏- بەش يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلدى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ ھەقتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىقتىسادىي سىياسىتىدە، ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىن سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانىنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىكەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كېلىۋاتقانلىقى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى بەش يىلدا بۇ سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىشىدا پروگرامما ئاڭلىتىمىز.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئىچىدىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكىشى، ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئالاھىدە ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە مۇددەتسىز داۋام قىلماقتا. 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر سىياسەت دەسلىپىدە يىلىغا 4 يۈز مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە داۋام قىلغان بولسا، 2007-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزۈلدى، بۇلتۇردىن باشلاپ بۇ سان يەنە بىر مىليون 6 يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلدى. شۇنداقلا يۆتكەش نىشانى ئاساسەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلار بولدى.

ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى توغرا سىياسەت دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن بۇ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرلاش ھەتتا جازالاش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىگە نىمكار ئىشلەشكە ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمگەك، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىمۇ ئاشكارىلاندى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارنى نوپۇس ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى شاۋگۇەن ۋەقەسى بۇنىڭ مىسالى بولغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر سىياسەتكە نارازىلىقى سۈپىتىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-بەش يىللىق پىلانى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتلارغا يۆتكىگەن ئەمگەك كۈچى سانىنى 8 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزگەن.

بۇ ھەقتە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 15-دېكابىر خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە 2011-يىلىدىن باشلاپ 2016-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزمەكچى بولغان 12-بەش يىللىق پىلاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ 12-بەش يىللىق ئىقتىسادىي پىلانىدا ئۇيغۇر دېھقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12-بەش يىللىق ئىقتىسادىي سىياسىتىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ سىياسەتنى، ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي سىياسەت ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە دەپ كۆرسەتتى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش نىيىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ " دېدى.