2010‏-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلى ئىچى‏-سىرتىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقە ھەم ھادىسىلەر

بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق زور مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى نۆۋەتتە گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگرامما ئارقىلىق ئەسلەپ ئۆتەيلى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2010.12.30
5-Iyul-Urumqi-namayishidin-bir-korunush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
رادىئومىزغا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللا "5-ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىلىپ 2009- يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 4 ‏-ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخپىي سوت ئېچىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

10- دېكابىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىم بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشتى. 9-دېكابىر كەچتە، رابىيە قادىر خانىم ياڭ جيەنلى باشچىلىقىدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئاقسۇ شەھىرى 5 ‏-باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىنى ئېنىقلاش جەريانىدا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپنى ئەسلىدە، 15 يىلنىڭ ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر بايلىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى ئەپەندى سالدۇرغان.، ئەينى چاغدا ئابدۇراخمان ھاجى مەزكۇر مەكتەپ ئۈچۈن ئايرىغان پۇل تولۇق ئىشلىتىلمىگەن. پۇلنىڭ قالغان قىسمى دائىرىلەرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ سۇ ۋە يۇندا تۇرۇبىلىرى قورۇلۇشى تولۇق تاماملانمىغان. بۇ ئەھۋال ئاخىرى 29 ‏-نويابىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان.

مەركىزى شۋېتسىيىدىكى "ۋىكىلىكس" ناملىق تور بېتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر مەلۇماتلارمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 5"‏-ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك يوللانمىسى بولۇپ، مەزكۇر يوللانمىدا 5"‏-ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ ئىران قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى تەكىتلەنگەنىكەن.

11-ئاي ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا 6 نەپەر، يېڭىئېرىق يېزىسىدا 2 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلتۈرۈلگەن. 19 كىشى ۋەقە گۇماندارى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي كۆچمەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قەشقەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە دائىرىلەر ئارىسىدا چوڭ ساراسىمە پەيدا قىلغان ئىدى.

11-ئاي ئىچىدە يەنە، خوتەندە بىر خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر قاتناش ساقچىسى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمىزگە قارىغاندا، ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سىستېمىسىغا قارىتىلغان ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان "قوش تىل"، كەسپىي ۋە ئالىي مائارىپلارغا يۆلىنىش بەلگىلەش، ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى تۈزۈش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدىكەن.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ئەربابى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 13-نويابىر ئىستانبۇل شەھىرىدە 87 يېشىدا ۋاپات بولغان. مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1934-1937-يىللىرى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى ئاتۇشتا ئاچقان يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇغان. مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە غۇلجىدا ياشىغان ۋە كۆپلىگەن مەشھۇر تارىخى شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان. مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1981 - يىلى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى.

بۇ ئايدا يەنە، خىتاينىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىكى ليەنتاڭ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىدە قۇرۇلغان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" دىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز تامىقىدا بايقالغان چوشقا گۆشى سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلغان. مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋەقەسىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىغا چوشقا گۆشى ئارىلىشىپ قېلىش ۋەقەسىنى "پەقەت بىر تاسادىپىيلىق"، دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر مەكتەپتىكى "شىنجاڭ سىنىپى" 2008 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سىنىپقا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق قىرغىز ۋە ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇماقتا ئىدى.
 
خىتاي دائىرىلىرى "قوش تىل مائارىپى سىياسىتى" بويىچە تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىدىن 518 نەپەرنى قىسقارتىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ناھىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقى ۋە بۇ ئۇچۇرنى خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەت مەزكۇر پىلانىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى.

ئۆكتەبىردە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. ئۇ قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئاگېنتلىقلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئەخمەت داۋۇدئوغلۇنىڭ بۇ زىيارەتتىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە "بىز ھازىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ماكانلىرىنى زىيارەت قىلماقتىمىز" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ، بۇ زىيارىتىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
 
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، بۇ يىل 18 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ كوچىدا چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئالغان ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

نورۋېگىيىدىكى تېررور گۇماندارى راشىدىن مەمەت ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نورۋېگىيىدە ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر گۇماندار راشىدىن مەمەت ئەسلى پىلاندىكى ھۇجۇم نىشانىنىڭ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. راشىدىن سوراق داۋامىدا، ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ رەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى جاسۇسلۇق خادىمى غەيرەت نۇرمەمەت، بۇ يىل 1 - ئايدا ئۆيىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان. ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى چەتئەلگە قېچىپ چىققان يېقىن ئاغىنىلىرىدىن بىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشى بىلەن 10 ئايدىن كېيىن پاش بولدى. ئۇ "غەيرەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى" دەپ، ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەيرەت ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى ئېغىر روھىي ۋە ۋىجدانىي بېسىمدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا "5 - ئىيۇل" دا كۆرگەنلىرى تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا مەخسۇس ۋەكىل تۇرغۇزدى. تەيىنلەنگەن ئىككى ئالاھىدە خادىم، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىس مەمەت توختى بريۇسسېلغا، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خادىملىرىدىن كەسىي پولىئاس خانىم جەنۋەگە تەيىنلەنگەن.

ئاۋغۇستتا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، تۈركىيىگە ئوقۇشقا ياكى تۇغقان يوقلاشقا بېرىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارغا 'ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پاسپورت ئىشلەش توختىتىلدى دېگەن. ئەمما، سەۋەبى چۆشەندۈرۈلمىگەن. باشقا جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ياكى پاسپورت كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلارغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇز شاكاراپى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى، رادىئومىزغا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سېسترا تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى. ئۈرۈمچىدىن چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "5- ئىيۇل" دا تۇتۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە ‏- چاقىسىز جەسەتلەر كۆيدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىمۇ بۇلار دەلىللەندى.

19-ئاۋغۇست ئاقسۇ ئىگەچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 14 كىشى يارىدار بولغان. ۋەقە يېزىلىق ساقچىخانىدىن 500 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر كۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چارلاش ئەترىتى 15 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلاردىن 4 نەپىرى ئۆلگەن، قالغانلىرى يارىدار بولغان.

دۇنيا ھۇنلىرىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان قەدىمىي مۇراسىم پائالىيەتلىرى بۇ يىل ۋېنگىيىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي پائالىيەتلىرى 2010 ‏- يىل 8‏- ئاينىڭ 6‏- 7‏- ۋە 8‏- كۈنلىرى بۇداپېشت شەھىرىنىڭ بۇگاش دېگەن سەھراسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىق تۈردە ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىممۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ مەزكۇر قۇرۇلتاي پائالىيەتلىرىگە ئىشتراك قىلغان.

داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 2010 يىلى 28 - ئىيۇل كېسەل سەۋەبى بىلەن، 74 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇم زۇنۇنقىز ئېلاخۇن سەھنە ۋە ئېكرانلاردا "مېھرىبان ئانا" ئوبرازىنى تەبىئىي ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتقان، ئۇيغۇر تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ساھەسىدىكى پېشقەدەم ئۇستازلاردىن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى 1016 جايدا "قوش تىل" يەسلىسى قۇرۇشنى باشلىدى. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاجراتقان.

5-ئىيۇل كۈنى "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى. 5- ئىيۇل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 6- ئىيۇل دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 5 - ئىيۇلدىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا چاقىردى.

17 ‏- ئىيۇن ئىتالىيە لۇكا ئۆلكىسىنىڭ پارلامېنتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا "ئەركىنلىك مۇكاپاتى" بەردى. مۇكاپاتنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى قىزى قېقىنۇس سىدىق خېنىم رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدى.

18 ‏- ئىيۇن رابىيە قادىر خانىمنى يەنە، ئىتالىيىنىڭ سوچىەتا لىبەرا تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» 17 ‏- ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. 3 كۈن داۋام قىلىدىغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ "شىنجاڭدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەرەققىيات يولىنى بەلگىلەش، شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىلگىچە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى باشقا ئۆلكىلەرگە يېتىشتۈرۈش» دەپ كۆرسەتكەن.

دەل شۇ پەيتلەردە، مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنگە قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. تەشكىلات خېتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان چەكلىمىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ «ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى كولومبىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، كىتابتا، ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيانقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرىگە قاراپ چىقىلغان.

2010- يىلى كىرىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىلدىن بېرى سوراپ كەلگەن ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سەپلەندى.

ۋاڭ لېچۈەن 1994 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە باش سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 1997 - يىلى بىر قېتىم ۋە 2009 - يىلى بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككى قېتىمقى نامايىشلىرىنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قاتتىق باستۇرۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قارا-قويۇق تۈرمىگە تاشلىغان. ۋاڭ لېچۈەن بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا مۇئاۋىن سېكرېتار قىلىپ يۆتكەلگەن.

خەلقئارادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 2009 - يىللىق زور ۋەقەلەرنى رەتكە تىزىشىدا، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5-ئىيۇل ۋەقەسى" ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالغان.
جۈملىدىن، ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ "2009 - يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك زور ۋەقەلەر" تىزىملىكىدە "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خەلقئارالىق تەسىر قوزغىغان پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىراقتىكى زور پارتلاش ۋەقەسى، پاكىستان ئىچكى ئۇرۇشى قاتارلىق خەلقئارالىق زور تەسىرگە ئىگە ۋەقەلەر بىلەن بىر قاتاردا تىزىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.