شارشىل ئالاھىدە قوغداش رايونى مەخپىي ئوۋ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى شارشىلدا، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلىشقا، ھەتتا قىممەتلىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاشقىمۇ بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ساياھەت شىركىتى خادىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، شارشىلدا ھەتتا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئېيىقلارنى ئوۋلاشقىمۇ يول قويۇلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.09.30
Bortaladiki-shamshil-tebi-qoghdash-rayoni-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﺋﺎﻻﺗﺎﯞ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﺎﺭﺷﯩﻞ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://travel.xjnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

شارشىل ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونى، بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ئىنسان ئايىغى باسمىغان بىر خىلۋەت گۈزەل تەبىئىي ماكان. ئەڭ ئېگىز تاغلىرى دېڭىز يۈزىدىن 3670 مېتىر ئېگىزلىكتە. شارشىلدىكى تاغ - ئويمان، جىرا - يايلاق كۆل ۋە ئېرىق - شارقىراتمىلار بىر بىرىگە تەبىئىي گىرەلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغاندىن باشقا، بۇ يەنە ئالاتاۋ تاغلىرىدىكى تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەبىئەت قوغداش تورىنى ھاسىل قىلغان.

221 خىلدىن ئارتۇق كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ئۇچار قۇش، ھايۋاناتلار، 1676 خىل قىممەتلىك تەبىئىي دەل - دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر شارشىل باغرىدىن ماكان تۇتقان. بۇ جايدىن بايقالغان يىلپىز، تاغ تېكىسى، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، قاتارلىق 35 خىل ھايۋانات خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

شارشىلغا خىتاي مەركىزى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن "ئادەم ئايىغى باسمىغان بىردىن بىر خىلۋەت ماكان ۋە ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي گېن ئەۋرىشكىلىرى ئىسكىلاتى" دەپ نام بېرىلگەن.

بۇ يىل - 7 ئايدا، تەڭرى تېغىنىڭ مۇھىتىنى قوغداشقا دائىر قانۇنلارنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، بۆرتالاغا جايلاشقان شارشىل ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى جەريانىدا شارشىل مۇھاپىزەت رايونىغىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قەدىمى يەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ يايلاقلاردا بەخىرامان ھاجەت قىلىپ، بۇلغانمىغان پاكىز قار سۇلىرىدىن شەكىللەنگەن ئېرىقلاردا كىر يۇيۇپ، خالىغان جايلارغا يېمەك ئىچمەك ئەخلەتلىرى ۋە خىمىيىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قالدۇرۇپ، بۇ "گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق خىلۋەت ماكان" نى بۇلغاشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ھۆكۈمەتكە دوكلات يوللاپ، "جىددىي تەدبىر قوللىنىپ شارشىلنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە بۇ خىلۋەت ماكاننىڭمۇ ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ۋەيران قىلىنىدىغان" لىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىدا، شارشىلنىڭ بىرىنچىدىن دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان تەبىئىي رايون بولغانلىقى، ئىككىنچىدىن قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگراسىدا بولغانلىقىدىن ساياھەتچىلىككە رەسمىي ئېچىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جاينى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە مۇناسىپ قانۇن نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن شارشىل يەنىلا ساياھەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن يوللار بىلەن كىرىپ ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

بىز، شارشىل مۇھاپىزەت رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى قوغدىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىزدەنگەن بولساقمۇ، بۆرتالادىكى ھۆكۈمەت ۋە مۇھىت قوغداش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىدۇق.

ئەمما، بورتالا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت دىرېكتورى لى چىڭخۇانىڭ سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرىدىن شارشىلغا ساياھەتچىلەرنىڭ قانداق كىرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىلۋەت ماكاندا سەيلە ساياھەتتىن باشقا يەنە، تەبىئەتكە قانداق زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقلىرى ئاشكارىلاندى.

لى چىڭخۇا دىن شارشىل مۇھاپىزەت رايونىغا ساياھەتكە بارغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ جاۋابەن، "شارشىل ئەسلى ساياھەتكە ئېچىۋېتىلگەن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايون لېكىن بىزنىڭ ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە يولىمىز بار، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز،" دېدى.

مەن يەنە ئۇنىڭدىن، ساياھەتكە ئېچىلمىغان رايوندا ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەت ھەم ئەخلەت مەسىلىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ جاينىڭ مۇھىتىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدىم.
 
لى چىڭخۇا تەجرىبىسىنى سۆزلەپ "توغرا، ھازىرچە ئۇ جايدا تېخى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ساياھەتتە مۇناسىپ ئەسلىھەلەر بەرپا قىلىنمىغان، شۇڭا بەزىلەر ئەخلەتلەرنى تاشلاپ قويغان قىسمەن ئەھۋاللارمۇ بار. لېكىن، بىز ساياھەتكە كىرگەنلەرنى ئەخلەتلىرىنى يىغىپ كېتىشنى تەكىتلەيمىز. ھازىرچە ئۇ جاي ئېچىلمىغاچقا، باشقۇرۇلىدىغان خادىم ياكى تۈزۈملەرمۇ بېكىتىلمىگەن" دەپ جاۋاپ بەردى.

مەن يەنە ئۇنىڭدىن ئىچكىرىلەپ، "شارشىلدا بىر نەچچە كۈن تۇرغىلى بولامدۇ؟ ئوۋ ئوۋلاشقا بولامدۇ؟" دەپ سورىدىم. ئۇ، ئىككىلەنمەستىنلا "بولىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.


‏لى چىڭخۇا: قونۇشقا بولىدۇ، ئوۋ توۋلاشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن، پۇل تۆلەش كېرەك. ئۇ جايدا قانچە كۈن ساياھەتتە بولىدىغان بولسىڭىز؛ كۈنىگە قاراپ پۇل ئالغاندىن باشقا، بۇغا، ئارقار ۋە ئېيىق بولامدۇ نېمىنى ئاتقان بولسىڭىز؛ شۇ سىز ئوۋلىغان ھايۋانغا قاراپ پۇل تۆلىسىڭىزلا بولدى.

‏مۇخبىر: ھەر قانداق ھايۋاننى ئاتقىلى بولامدۇ؟

‏لى چىڭخۇا: بولىدۇ، ئېتىشقا رۇخسەت. لېكىن ئولجىنى پۇل تۆلەپ ئېلىپ كېتىسىز.

مۇخبىر: ئەگەردە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ جازالىنىدىغان ئىش بولۇپ قالسىچۇ؟

‏لى چىڭخۇا: بىز بۇ جەھەتتە بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ تەييار قىلىپ بېرىمىز مەسىلە چىقمايدۇ.

مۇخبىر: ئۇنداقتا ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ساياھەت شىركىتىدىن باشقا ساياھەت شىركەتلىرى بۇ خىل رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلمەمدۇ؟

‏لى چىڭخۇا: بەزىلىرىنى بېجىرەلمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ يولىمىز بار.

لى چىڭخۇا تەكەببۇرانە كۈلدى ....

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.