ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۇجۇملار چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا باغلىنامدۇ ؟

بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا قەشقەر شەھىرىدىكى سەمەن يولى، يامانيار يېزىسى ۋە كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى ھۇجۇملاردا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى بار - يوقلۇقى ياكى ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقى تالاش - تارتىش قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ش. تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى بار، دەپ ئېلان قىلدى. خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ھۇجۇمچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋەقەگە پۈتۈنلەي يەرلىك قارشىلىشىش ھەرىكىتى، دەپ باھا بەرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە 4 ‏ - ۋە 9 ‏ - ئاۋغۇست كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن سەمەن يولى ۋە يامانياردىكى ۋەقەلەر، كۇچادىكى پارتىلاشلارنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقى، كىملەرنىڭ رىژېسسورلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشى پەرقلىق بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەلەرگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىرەر تەشكىلات ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىدى.

بەزى چەتئەللىك تەرەپسىز ئانالىزچىلار ۋەقەنى پۈتۈنلەي يەرلىك قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تەتقىقات ساھەسىدىكى ئانالىزچىلار بۇ ۋەقەلەردە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆلەڭگە ۋە تەسىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، " بەزى دەلىللەر ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ كۆلەڭگە ش.تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىدىكى قايسى گۇرۇھنىڭ كۆلەڭگىسى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن.

ج خ ئورگانلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چىن گاڭ،" مەن تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نەتىجىسى چوقۇم ئېلان قىلىنىدۇ، دەپ قارايمەن" دەيدۇ.

لېكىن جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قارمىقىدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېي خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىنى كۈتۈشكە لازىم تاپمىدى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا قەشقەر ۋە كۇچادىكى ۋەقەلەر چەتئەلدىكى 2 چوڭ شەرقى تۈركىستانچى گۇرۇھنىڭ تەسىرىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ 2 گۇرۇھنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچى كۈچلەر. يەنە بىرى رابىيە (قادىر) ۋە دىلشات (رىشىت) باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشنىڭ تەسىرىدە ئېلىپ بېرىلدى".

لى ۋېي بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە چېگرا سىرتىدىكى ش.تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، مەملىكەت ئىچىدە ئادەم توپلاۋاتقانلىقى، ئىنتېرنېت ۋە زامانىۋى ئالاقە قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، قەشقەرنىڭ سەمەن يولى، يامانيار يېزىسى ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى "ئاساسلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر ئېلىپ بارغان" لىقىنى ئەسكەرتىدۇ. لى ۋېي، بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قارشى تېررورلۇققا كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاينىڭ تېررورچىلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تىغ ئۇچىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا يەنە، قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە يۈرگۈزگەن دىنىي، سىياسى باستۇرۇش، ئىقتىسادى تالان - تاراج ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يەرلىك خەلقنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە، يەرلىك خەلقنىڭ رادىكاللىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. شۇ تۈپەيلى يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، چارشەنبىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى يوقۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلىدۇ. چىن گاڭ بىر مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا " سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ھەقتىكى ئاتالمىش تەنقىد ۋە پىكىرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز. جۇڭگونىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنى تېررىتورىيىلىك مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى. جۇڭگودا 56 مىللەت ياشايدۇ. مەيلى خەنزۇلار ياكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا 55 مىللەتنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلەر ئائىلىسىنىڭ تەڭ باراۋەر ئەزالىرىدۇر. ئۇلار جۇڭگو پۇقرالىرى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك پۈتۈن ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولماقتا " دەپ جاۋاب بەرگەن.

نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ئەندىشىلەرنىڭ بىرى، رايوندا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يەنە يۈز بېرەمدۇ ؟ دېگەن مەسىلىدۇر. بەزى خىتاي ئانالىزچىلار ئولىمپىك يىغىنى ئاخىرلاشقانغا قەدەر رايوندا يەنە ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ جىەنيۇڭ، " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى بايانىدا بۇ ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. "ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن ليۇ جىەنيۇڭ، ۋەقەدە خەلقئارا تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ قولى بار، دېگەن گۇماندا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، "كۇچادىكى ھۇجۇمنىڭ مېتودى باشقا خەلقئارا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم مېتودىغا ئوخشايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئامېرىكا ساراكيۇز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتور كاندىداتى قىلىچ قانات بۇ قاراشنى رەت قىلىپ، ۋەقەنىڭ يەرلىك ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى باھانە قىلىپ، رايوندا كەڭ - كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ئېھتىمالىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇتەخەسسىسى نىكولاس بېكۇلىن " ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور كۆلەملىك توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى ئاز بولسىمۇ، لېكىن " ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ - كۆلەملىك، چەك - چېگرا ئايرىماي، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلاردىن ھالقىغان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى ئۆزلىرىدە قايغۇ يارىتىۋاتقانلىقى" نى بىلدۈرگەن.