ئۇيغۇر ئېلى يېقىندىن بېرى تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ئالاقىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۈزۈپ تاشلانغان رايون بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە ئەلخەت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانغا 4 ئاي بولاي دەپ قالدى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پات يېقىندا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بىر سادا يوق.
بۇ ئەھۋال، خەلقئارا مەتبۇئات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىشىگە زور قولايسىزلىقلارنى يارىتىپلا قالماي، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىگە زور قىيىنچىلىقلارنى ياراتقان.
"شىنجاڭنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاندى. نۇرغۇن تور بېكەتلىرىنى تاقىۋەتتى. كىشىلەر ئىنتېرنېتكە كىرەلمەيلا قالماي، باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىمۇ چەكلەندى. شۇڭا رايوننىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ناھايىتى ئۆزگىچە بىر ئەھۋالدا. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ ۋەزىيىتى نورماللاشقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى ئەھۋاللار بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە." بۇ سۆزلەر مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋېنسېنت برۇسسېلغا ئائىتتۇر.
ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەرىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تور ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قوغداپ، ئۇلارنى"يېشىل قانال" دەپ ئاتلىدىغان تېلېفون، ئىنتېرنېت ئالاقە يولى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى ۋېنسېنت ئبرۇسسېل شەنبە كۈنى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاساسەن پۈتۈن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "شىنجاڭدا تورنى كونترول قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، 54 دىن ئارتۇق تور بېكىتى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن. بۇ تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۇيغۇرچە چىقىدىغان تور بەتلىرىدۇر. بۇ تور بەتلىرىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن مەزگىللىك تاقىۋېتىلىشى كىشىنى ئەلۋەتتە بىئارام قىلىدۇ. بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. بىز پات يېقىندا بۇ جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، "بۇنىڭدىكى غەرەز تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسبىي كۈچلەرنىڭ تور، تېلېفون ۋە تېكىست يوللانمىسى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، پىتنە - ئىغۋا ھەم 5 - ئىيۇلدىكىگە ئوخشاش مىللىي ئۆچمەنلىك تارقىتىشى"نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامايىش قىلىپ، شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشىدا ئىنتېرنېتنىڭ رولى ناھايىتى زور بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يۈز بەرگەن شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى توردا كۆرگەن ياشلار ئىدى. لېكىن چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى برۇسسېل ۋېنسېنت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشىدىكى باھانە - سەۋەبى پۇت - تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، ھېچقانداق نەرسە رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ سەۋەبلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. تاقىۋېتىلگەن بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئەمەس. ئۇلار پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزۈش، تور يوللانمىسى يوللاش، ئۇيغۇرلارغا خەلقئارا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلغان. لېكىن بۇ تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە قارىماي ھەممىسى تاقىۋېتىلگەن. بۇ تور بەتلىرىنى تاقاش ھەقىقەتەن كەمسىتىش خاراكتېرلىك بىر قارار. دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى شىنجاڭدا قانداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇرۇشتۇر."
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بريسسېل ۋېنسېنت ئوبامانىڭ زىيارىتى خىتاي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان ۋەزىيەتكە توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شىنجاڭدا ۋەزىيەتنىڭ تىنچلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ئىنتېرنېت ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى سورىشى كېرەك" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن ئىنتېرنېت ئالاقە يولى - "يېشىل قانال"نىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ لەنجۇدا ئىشخانا قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، چىڭخەينىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چەتئەللىكلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ سىېرت بىلەن ئىنتېرنېت ئالاقىسى قىلىشتىكى ماكانى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قەشقەردىكى بىر مېھمانخانا كۈتكۈچىسى فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇر ئالاقە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، "ئەلخەت ئەۋەتكىلى ياكى تاپشۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئىنتېرنېت پەقەت شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تور بەتلىرىدە ئىشلەيدۇ. لېكىن تېلېفونلارنىڭ تېكىست يوللانمىسى ئىشلىمەيدۇ،" دېگەن.