دائىرىلەر مەزكۇر بەلگىلىمە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەردىكى "سەلبىي تەسىرى"نى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكمە. لېكىن ئانالىزچىلار مەزكۇر بەلگىلىمىنى خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆسمۈر بالىلارغا دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر بەلگىلىمىدە ياش ئۆسمۈرلەرگە قويۇلغان دىنىي پائالىيەت چەكلىمىسى كېڭەيتىلگەن، ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشى ۋە دىنغا ئىشىنىشىنى تەلەپ قىلىشى چەكلەنگەن.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا تارقاتقان مەزكۇر بەلگىلىمە توغرىسىدىكى بىر خەۋىرىدە بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ياش ئۆسمۈرلەردە "سەلبىي تەسىر" پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6 - ئايدا ياش ئۆسمۈرلەرنى "قوغداش" توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە تەييارلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ بەلگىلىمىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەنلىكى، لېكىن بۇ بەلگىلىمىنىڭ 6 - ئايدىكى نۇسخىسى بىلەن 1 - دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان رەسمى نۇسخىسىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى پەرقى، يېڭى نۇسخىسىغا زادى قانچىلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا يېڭى بەلگىلىمىنى " خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە ئائىت مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا زىت"، دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ 6 - ئايدىكى قانۇن لايىھىسىدە ئاتا - ئانىلار "ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك،" دېيىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە "ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىش، زورلاش ياكى دىننى قورال قىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە مەجبۇرى تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا بولمايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ بەلگىلىمىگە قارىغاندا ئەگەر ياش - ئۆسمۈرلەر دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىنسا ياكى مەجبۇرلانسا، ئۇلار " مەكتەپ، ئاھالىلار كومىتېتى، يېزا ۋە ياكى ياش - ئۆسمۈرلەرنى قوغداش ئىشخانىسى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ قوغدىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ"، دېيىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر بەلگىلىمە توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسىدە "بۇ يېڭى بەلگىلىمە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1993 - يىلى يولغا قويۇلغان ياش - ئۆسمۈرلەرنى قوغداش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش قائىدىسىدىكى چەكلىمىلەرگە قوشۇمچە بولسىمۇ، لېكىن ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشىنى توسىدىغان بۇ ھۆججەتنىڭ ئۆزىلا بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن. بىز ئىلگىرى ئېيتقىنىمىزغا ئوخشاش بۇ تۈرلۈك چەكلىمىنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ شۇنداقلا بۇ چەكلىمىنىڭ خىتاي دۆلەت قانۇنىدا ئاساسى يوقتۇر" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي 2004 - يىلى 12 - ئايدا دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، 2005 - يىلى 3 - ئايدا رەسمى يولغا قويغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ھازىرقى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قائىدىسى بولسا مەزكۇر بەلگىلىمە ئاساسىدا تۈزۈلگەن.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئادۋوكات ۋاڭ گۇئاڭزﯤ بولسا خىتايدا دىنىي مۇناسىۋەتلەردىكى زىددىيەتكە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تۈرلۈك دىنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تەنقىدلەپ، "دائىرىلەر بۇ بەلگىلىمىدە ھەقىقەتەن تۇنجى قېتىم مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاساسىدىكى دىنىي گۇرۇھلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي پائالىيەتلەر، دىنىي سىمۋوللار، دىنىي نەشرىيات بۇيۇملىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئىدى. مانا بۇ تۈزۈم ھازىرقى دىنىي مەسىلىلەردە يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەبتۇر" دەيدۇ.
لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى ئېلان قىلغان مەزكۇر بەلگىلىمە ھەققىدىكى مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ "ياش ئۆسمۈرلەرنى قوغداش قانۇنى" دا دىنىي مەسىلە شۇنداقلا دۆلەتنىڭ "دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش قائىدىسى" دە بالىلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىش ھوقۇقىغا دائىر مەسىلە تىلغا ئېلىنمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.