مەسىلەن، شايار ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە يېزىسىدىنلا 10 دىن ئارتۇق ياشنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرقىسمى يېپىق سوت شەكلى بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، يەنە بىرقىسمى ھېچقانداق سوت تەرتىپى ۋە ھۆكۈم ئېلانى بولمىغان ھالدا خىتاينىڭ قاراڭغۇ، زەي تۈرمىلىرىدە ياتماقتا ئىكەن.
بىرقىسىم ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مىڭغا يېقىن يېزا بولۇپ،ھەر بىر يېزىدىن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغان ئەھۋالدا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گۇناھسىز يېتىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن ئىكەن.
شايار ناھىيىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى دېھقان بالىلىرى بولۇپ، ھالال ئىشلەپ، جان بېقىش تىرىكچىلىكى بىلەن يۈرگەنلەر ئىكەن. بۇلاردىن سەمەت داۋۇت، ياسىن قۇربان، سۇلايمان مۇراۋۇدۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى خەۋەرسىز قالدۇرۇلغان مەخپىي سوتتا قارىلىنىپ، جازاغا بۇيرۇلغان، تاھىر ئىلىپ،ئېزىز كىۋېر، سەمەت توختى، مامۇت ئەھمەت قاتارلىقلار سوت ھۆكۈمىنى كۈتۈپ ياتماقتا ئىكەن.
تاھىر ئىلىپ كىيىم - كېچەك دۇكىنىدا مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ياش بولۇپ، ئۆيىدە ھېزبۇ - تەھرىرگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ساقلىغان دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
ئېزىز كىۋېر، سەمەت توختى، مامۇت ئەھمەت قاتارلىقلار ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلار بولۇپ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلاردىن تۇتقۇن قىلىشقا لايىق جىنايەت تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن گۇمانلىق ئۇنسۇرلار دېگەن نام بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
سەمەت داۋۇت غۇلجىلىق بىر قىزغا ئۆيلىنىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، يۇرتى شايار يېڭى مەھەللىدىكى ئاتا - ئانىسىنى يوقلىغىلى كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە غۇلجىدىكى ئايالىنى شايارغا چاقىرتىپ كېلىپ، ئېرى بىلەن مەجبۇرىي ئاجراشتۇرۇۋەتكەن ۋە قاماققا ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
ياسىن قۇربان ھەققىدە ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغان تونۇشلىرىدىن بىرى مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش"، " قاتتىق زەربە بېرىش" قاتارلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئون نەچچە يىلدىن بىرى سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىگۇناھ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جازالارغا دۇچ كەلمەكتە. ھەتتا بەزىلىرى سوراق ۋە تۈرمىلەردىكى قىيىن - قىستاقلار سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئىزچىل تۈردە پاسسىپ بىر ئىنكاستا بولۇپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00