رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى، رايوندا تېخىمۇ كۆپلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوت پىلتىسى بولىدۇ" دېدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كادىرلاردىن سەييارە تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللىنىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە كەڭ -كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتكە "تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" دەپ نام بەرگەن.
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ ھەرىكەتنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تارىخى، شۇ ئائىلىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئالاقە دائىرىسى ھەم ئائىلە تاپاۋىتى قاتارلىقلارغا قارىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش" ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي جەھەتتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى خەن يوڭنىڭ كادىرلاردىن بۇ ھەرىكەت جەريانىدا "ئاساسى قاتلامغا سىڭىپ كىرىپ، 4 نى ئېنىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش"نى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەنيوڭ سۆزىدە، "تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" جەريانىدا، كادىرلاردىن "ھۆددىگە ئالغان رايونلاردا ئارخىپ تۇرغۇزۇشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەكشۈرۈلمىگەن بىرمۇ مەھەللە، كوچا قالماسلىق، تەكشۈرۈلمىگەن بىرمۇ نوپۇس قالماسلىق، ھەممە ئادەم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش، نۇقتىلىق ھالدا ئاقما نوپۇسلار ئەھۋالىنى ئىگىلەش، جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا بولغان باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرماسلىق، ھەر ۋاقىت ھەر زامان مۇقىملىق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئامما ئارىسىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش، شۇ كۈنلۈك ئەھۋالدىكى ئۆزگىرىشنى شۇ كۈنى ئىگىلەپ بىر تەرەپ قىلىش، جايلاردىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش" نى تەلەپ قىلغان.
خەن يوڭ سۆزىدە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا يەنە، "500 نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" خىزمىتىنى، يەنى "يۈزلىگەن ئائىلىلەرگە كىرىش، يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، يۈزلىگەن ئائىلىلەرنى باشقۇرۇش، يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش" خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرىدىن، "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ھەرىكەتنىڭ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، تېخىمۇ زور بولغان نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خۇ پىڭ: "قاراڭ كومپارتىيە بۇ زېمىننى ئىگىلەپ 61 يىلدىن كېيىنمۇ، رايوندىكى مىللەتلەرگە دۈشمەن سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزىلا كومپارتىيىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەت كومپارتىيىنىڭ 'ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش' شوئارىغا قىلىنغان قاتتىق مەسخىرە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ھازىر بۇ قىلمىشىنى پەردازلاپ 'ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتىمىز' دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئائىت بولغان ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش ئەمەلىيەتتە خەلقئارا قانۇندا كىشىلەرنىڭ ئىنسان ھوقۇقىغا قىلىنغان ئەڭ زور تاجاۋۇزچىلىق ھېسابلىنىدۇ. كومپارتىيىنىڭ بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ بۇ كىشىلەرنى دۈشمەن دەپ قاراۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ."
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىكى زور پەرقنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "مەن نيۇيوركتا ياشاۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى. بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى ساقچىلار بىرمۇ قېتىم ئۆيۈمگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنى يوق. چۈنكى، بۇ يەردە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ، ھېچقاچان پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلمايدۇ. مانا بۇ دېموكراتىيە، مانا بۇ ئەركىنلىك."
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش" ھەرىكىتىدە يېزا كادىرلىرىغا ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ھەمراھ قىلىنىپ، دېھقانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ يەنە بىر قېتىملىق تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
"مېنىڭچە بۇ ھەرىكەت رايونغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەۋاتقان 'يۇمشاق سىياسەت ئارقىلىق رايوننى ئىدارە قىلىش' شوئارىغا پۈتۈنلەي زىت قىلمىش. بۇنىڭ نەتىجىسى شەك - شۈبھىسىز ھالدا رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۆزى تولىمۇ قەبىھ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە شۇ نەرسە ئايانكى، ئۇلار بۇ يەردىكى خەلقنى ھەر ۋاقىت دۈشمەن دەپ بىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار خەلققە بولغان مۇداپىئەنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ھازىر كومپارتىيىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئامالىمۇ قالمىدى. بۇ خىل قىلمىش مۇقەررەر ھالدا يەرلىك خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ھەم دۈشمەنلىشىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كومپارتىيە ئەلۋەتتە ئۆز قىلمىشىغا لايىق جاۋابقا ئېرىشىدۇ. ئازراقلا غۇرۇرى بار كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل نازارەت خاراكتېرىنى ئالغان تەكشۈرۈشكە نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتىدا بولۇشى مۇقەررەر."
ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاي ئۈچۈن "مەڭگۈ تىنچىماس زېمىن" دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ زېمىندىكى مۇقىملىق ئەھۋالى، خىتاينى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەت، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى بايلىق مەنبەسى بولغان بۇ زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
