خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يۈز كۈنلۈك سېرىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى نى باشلىدى


2008.03.17

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن 3 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى لى يى ئۈرۈمچىدە تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، يۈز كۈنلۈك 'سېرىققا زەربە بېرىش' ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ سۆزىدە سىياسىي ۋە دىنىي تۈس ئالغان نەشرىيات بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىشنى، چۇڭقۇر قېزىشنى ۋە زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا 'سېرىققا زەربە بېرىش'

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2007 ‏- يىلى ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'سېرىققا زەربە بېرىش' ئۈچۈن ئاجراتقان قانۇن خادىملىرى 59700 نەپەر ئادەم ‏- قېتىمىغا يەتكەن، 6435 كىتاب دۇكىنى ياكى يايمىنى بايقىغان، بىر مىليون سەككىز يۈز ئونمىڭ پارچە كىتابنى مۇسادىرە قىلغان، 94 كىتاب دۇكىنىنى تاقىغان، ئىنتېرنېت تورىدىن 3 نى تاقىغان، 81 دېلونى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى 'خىتايچە سوتسىيالىزم' ئۈچۈن قوشۇلغان زور تۆھپە دەپ ھېسابلاپ، بۇنداق قانۇنسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان قانۇن خادىملىرىنى مۇكاپاتلىغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا 'سېرىققا زەربە بېرىش' دەپ ئاتالغان ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشى يېڭى نەرسە ئەمەس، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا 'سېرىققا زەربە بېرىش'، 'شەھۋانىي بۇيۇملارغا زەربە بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىن قۇرئان كېرىم ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى مەجبۇرىي يىغىۋالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى.

خىتاي ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا 'سېرىققا زەربە بېرىش' ئۈچۈن ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا شەھۋانىيلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئېلىپ كەلگەن، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'سېرىققا زەربە بېرىش' دېگىنى، خىتايلاردىكى سېرىققا زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكى ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان، زەربە بەرمەكچى ۋە تازىلىماقچى بولۇۋاتقىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن نەشر قىلغان نەشرىيات بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى قوزغاش ئۈچۈن ھازىر ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھازىر يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋال تىبەتلەر بىلەن ئوخشاش

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋال تىبەتلەر بىلەن ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنى باستۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى بىۋاستە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن باستۇرىۋاتىدۇ، باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر ۋە ۋەھشى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'سېرىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى'نى ئېلىپ بېرىشى يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنداق كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق يۈز بېرىشنىڭ، تېخىمۇ زور ئويغىنىش پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە قوللىنىۋاتقان سىياسەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللىنىۋاتقان سىياسەت ئوخشاش، ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى سېتىپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان بولسا، تىبەتلەردىمۇ شۇنداق سىياسەت قوللىنىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت، دىنىي جەھەتلەردىن خىتايلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇڭلاشقا ھازىر خىتاي خەلقنى باستۇرۇدىغان ھەربىي كۈچىنى ئاساسەن تەيۋەن بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دەرھال قورال كۆتۈرۈپ چىقىدىغان 'بىڭتۇەن' دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرخىل ھەربىي قىسىملىرى بار.

ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىپ بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتىدۇ

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ھەر جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىپ بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.