ئون يىلدىن بۇيان بالىلارنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان يالماۋۇزلار جەمەتى پاش بولدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانۇن تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوتى يېقىندا بىر جەمەتتىن شەكىللەنگەن ئادەم بېدىكلىرى گۇرۇھى ئۈستىدىن سوت ئاچقان بولۇپ، يېڭىسار ناھىيىسىدىن بولغان توختى ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۈلنىسا قاتارلىق 38 قارا نىيەتلىك ئادەم بېدىكلىرى، نارسىدە بالىلارنى پۇل تېپىش قورالى قىلىۋالغان بولۇپ، 10 يىل ئىچىدە 83 نەپەر بالىنى ئىچكىرىدە ئاشخانا ئاچىمىز دېگەنگە ئوخشاش باھانىلەر بىلەن ئالداپ ئاپىرىپ قەبىھ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى سېتىپ ھەمدە ئوغرىلىققا سېلىش ئارقىلىق پۇل تاپقان.

0:00 / 0:00

يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ پەۋقۇلئاددە زور ئادەم بېدىكلىرى گۇرۇھى گۇاڭجۇدا پاش بولغان بولۇپ،گۇرۇھ ئەزالىرى تېگىشلىك قانۇنى جازاغا تارتىلغان.

بىر جەمەت ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئېلان قىلىنىشىغا قارىغاندا، مەخسۇس ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ ئۇلارنى ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىققا سېلىشقا

KochidikiBalilar-200.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ. (RFA Photo)

ئوخشاش قەبىھ جىنايى ھەرىكەتلەر، بەزى قارا نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ مەخسۇس تىجارەت ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان. گەرچە بەزى مەتبۇئاتلار داۋاملىق تۈركۈملەپ ئالدانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئالدىنىپ ياكى سېتىلىپ يانچۇقچىلىق ۋە ئوغرىلىققا سېلىنىشى خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ،ھەممىگە تونۇشلۇق شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردا چوڭقۇر ئەندىشىلەر پەيدا قىلىۋاتقان بىر ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئايلانغان ئىدى.

رادىئومىزغا ئۇيغۇر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ئىنكاس قىلغۇچىلار، بەزى قارا نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنى، ناتونۇش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ، ئوغرىلىققا سېلىشنى پۇل تاپىدىغان كەسىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل كىشىلەر دائىرىسدە پەيدا بولغان قارا جەمئىيەتكە ھەتتا ه يەرلىك ساقچىلارنىڭمۇ شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە كىچىك بولغاندا 7ياشتىن 16ياشلارغىچە بولغان، كوچىلاردا ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ دېگەندەك چوڭ شەھەرلىرىدەه كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كاتتا باشلىرىغا سېتىۋېتىلگەن بولسا، كۆپ ساندىكىسى شۇ كاتتىباشلار ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالداپ كەلگەن بالىلار بولۇپ، نارسىدە بالىلارنى ئالداپ جىنايەت يولىغا باشلاش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىكەن.

سىنا خەۋەر تورىدا - 18 ئىيۇل ئېلان قىلىنىشىچە، يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوتى 90 ئادەمگە چېتىشلىق، 38 ئاساسىي جىنايەتچىدىن تەركىپ تاپقان ئادەم بېدىكى گۇرۇھى ئەزالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەزالىرى بىر جەمەتنى مەركەز قىلىپ توپلانغان مەزكۇر گۇرۇھ 10 يىلدىن بۇيان قورامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ يانچۇقچىلىق ۋە ئوغرىلىقنى، ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغاندا قانداق قۇتۇلۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆگەتكەن ھەمدە بۇ جەرياندا بالىلارنى روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراتقان.

مەزكۇر جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى قەشقەر يېڭىسارلىق توختى ھەمدە ئۇنىڭ ئايالى گۇلنىسالار گۇاڭجۇدا ئاشخانا ئېچىپ ۋە باشقا تىجارەتلەر قىلىپ ئاستىرتىن ئالداپ كەلگەن بالىلارنى كوچىغا چىقىپ ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇلار پاش بولۇپ تۇتۇلغاندا ئوغرىلاپ كېلىنگەن 107 يانفون ھەمدە بىر مىليون خەلق پۇلى بىلەن قولغا چۈشكەن. ئۇنىڭ گۇاڭجۇدىكى ئۇۋىسىدىن سەككىز ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ئون نەچچە ئۇيغۇر بالىسى قۇتقۇزىۋېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئالداپ يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلانغان بالىلارنىڭ ئىچىدىكى توققۇز ياشلىق تۇرغۇننىڭ پاش قىلىشىچە، بۇ گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى بولغان توختى، ئوغرىلىقنى قاملاشتۇرالمىغاندا بۇ بالىنى قاتتىق ئۇرغان ھەتتا تىرنىقىنى سۇغۇرۇۋالغان. 10 يىل جەريانىدا بۇ ئادەم بېدىكلىرى گۇرۇھى تەرىپىدىن ئالداپ يانچۇقچىلىققا سېلىنغان، سېتىلغان بالىلارنىڭ سانى 83 كە يېتىدىكەن.

بېيجىڭ ئولىمپىكى ئالدىدا چوڭ تازىلاش بولمىغان بولسا ئۇلار پاش بولماسمىدى؟

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر خەلق سوتى توختى ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ ئوغرىلىق، بالا ۋە ئاياللارنى سېتىش، قانۇنسىز ماللارنى سېتىش، بالىلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى ‏ - تەرۇز قىلىش جىنايەتلىرىنى بېكىتىپ، ئۇلارنى جىنايىتىنىڭ ئېغىر ‏ - يېنىكلىكىگە قاراپ 6 ئايدىن 18 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

بىز مەزكۇر ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قارا قولىدىن قۇتقۇزۇپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپ قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان ساقچى نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئولىمپىك ئالدىدا چوڭ تازىلاش بولۇۋاتقاچقا بالىلارنى ساتىدىغان، يانچۇقچىلىققا سالىدىغان ھادىسىنىڭ تۈگىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەرگەردانلار ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئورنى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغۇچى ئۇيغۇر كادىر، چەتئەل ئاخبارات ئورۇنلىرىغا يۇقىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ يالغۇز ئىجتىمائىي مەسىلىلا ئەمەس...

ئىلگىرى گۇيياڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر خىتاي ساقچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن يانچۇقچىلىققا ئۆگىتىلگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەندە "شىنجاڭدىن خىتاي ئۆلكىلەرگە چىقىپ بۇنداق جىنايەت يوللىرى ئارقىلىق جان بېقىشىغا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى يەنە بىر تەرەپتىن بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولغان. ئۆز يۇرتلىرىدا ناھايىتى نامرات، يول تاپالمىغان كىشىلەر كۆپىنچە باشقا شەھەرگە بېرىپ جان بېقىش يولى ئىزدەيدۇ، ئۇلارمۇ دەل شۇنداق. خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ يانچۇقچىلىققا سالىدىغان ئىشلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار چىراي ۋە باشقا جەھەتتە خىتاي مىللىتىدىن پەرقلىق بولغاچقا بەكمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان، بەلكىم مۇشۇ ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. دېگەن قاراشلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

گەرچە بۇ مەسىلە خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ نېمىشقىدۇر، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرى داۋاملىق تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ بېرىپ، ئۇ جايلاردا روھهىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالدىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەت يوللىرىغا مېڭىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بەزىلىرى، بۇ خىل ئىجتىمائىي مەسىلىگە خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ توغرا، ئادىل بولمىغانلىقىنى ئاساسىي سەۋەب دەپ قاراۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلەر، بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىقتىسادى، دىنىي، ۋە مائارىپ سىياسىتىنىڭ ناتوغرىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەگەردە خىتايدا ئادالەت بولغان بولسا، ئۇيغۇر خەلقىدە دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىك بولسا، مەنىۋىي ۋە ماددىي جەھەتلەردىن نامرات بولمىسا، بالىلار بۇ خىلدىكى جىنايەت يولىغىمۇ كىرمىگەن بولاتتى دەپ قارىماقتا.

كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، گەرچە بۇ مەسىلىگە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن ۋە جەمئىيەت سىستېمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەم پەرزەنتلىرىگە دىنىي ۋە ئۆرپ‏ - ئادەت ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ ئېغىرلىشىشىنى توسۇپ قېلىشتا رول ئوينايدۇ دەپ قارىماقتا.