رادىئومىز مۇخبىرى بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى يېزا - كەنتلەرگە، ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ مەسچىتلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا بىر قەدەر كەسكىن يۈرگۈزۈلمەكتە ئىكەن.
ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىگە قارىتا چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشلار بىر قەدەر روشەن كۆرۈنىدۇ. يەرلىك دائىرىلەر ئېلان قىلغان بۇ بەلگىلىمىلەردە، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ئاگاھلاندۇرۇلغان. مەسىلەن، خوتەن كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت چىقارغان بەلگىلىمىدە، "3 دىن خالى بولۇش"، 7" گە يول قويماسلىق"تەلەپ قىلىنغان. "3 دىن خالى بولۇش" تا، پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە 18 ياشقا توشمىغان ئوقۇغۇچى -ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن.
خوتەن تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزىدىكى دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى.
خوتەندە يولغا قويۇلغان "7 گە يول قويماسلىق" بەلگىلىمىسى يەتتە ماددىدىن تەركىب تاپقان. بۇلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 - ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز دىنىي مەكتەپ ئېچىپ تالىپ يېتىشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلماسلىق، 2 - دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئورناتماسلىق، 3 - دىنغا ئېتىقاد قىلمىغان كىشىلەرنى دىنىي ئېتىقادقا زورلىماسلىق، 4 - دىننىڭ، ھۆكۈمەت، قانۇن، مائارىپ، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى چەكلەش، 5 - دىنىي مۇخلىسلارنى ئەگەشتۈرۈپ مازارلاردا ۋە ھېيت بايرام مەزگىللىرىدە تۇغ - ئەلەم قاداپ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلماسلىق، 6 - دىنغا ئىشىنىدىغان پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي سېلىقىنى ئېغىرلاشتۇرماسلىق ۋە پۇقرالارنى ئىئانە توپلاشقا زورلىماسلىق، 7 - رايون ئاتلىغان دىنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماسلىق ياكى چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەل دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق. چەتئەل دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەردىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى ۋە بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان بۇ خىزمەتچى خادىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھېيتگاھ جامەسىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى، تەڭرىتاغ مەسچىتى قاتارلىق بىر قانچە مەسچىتلەرگە قىلغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلى تەۋەسىدىكى بىر دېھقان، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزىدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر ھەم دىنىي زاتلارغا قارىتا بەزى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقىنى، لېكىن يېقىندىن بۇيان بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ سەل بوشىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى دىنىي ۋە كىشىلىك ئەركىنلىككە دائىر ماددىلارغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى. ئۇ، بۇ خىل تەدبىرلەر ھەققىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئېتىقادقا قويۇلۇۋاتقان بىر قاتار چەكلىمىلەر، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى كۆزىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مۇھىم كۆزىتىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.