خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بولسا خىتاي بويىچە، HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانىنىڭ 264 مىڭ 302 گە يەتكەنلىكى، يەنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 46 مىڭ ئادەم كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى نوپۇسى پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ %2 گە يەتمەيدىغان ئۇيغۇر ئېلىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى پۈتۈن خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %9 دىن ئارتۇقىنى تەشكىل تاپقانلىقىدا.
دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىببىي تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەيدىز تەھدىدى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.