سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بارغانچە ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش شۇنداقلا شەھەرلەردىن يېزىلارغىمۇ تارقىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەتتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 1 - دېكابىر 22 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ خىتاي بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.
2009 - يىلى سىنتەبىرگە قەدەر ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 27 مىڭ 12 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رەسمىي ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ سانى 3910 نەپەر، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 2555 نەپەر بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى خىتاي بويىچە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 9% ئىنى تەشكىل تاپقان.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئىشخانىسىى تارقاتقان دوكلاتتىن نەقىل ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بەش ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم شەھەرلەر، ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر ھەمدە تۇرپان بولۇپ، 2009 - يىلى كىرىپ سىنتەبىرگىچە بولغان 9 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 4073 نەپەر يۇقۇمدار كۆپەيگەن، بۇ خىل كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدىمۇ تارقىلىۋاتقانلىقى ھەمدە جىنسىي ئالاقە يولىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش قانىلى بولۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا يېزىلاردىمۇ كەڭرى تارقىلىشقا باشلىغانلىقى بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ بۇ خىل يۆنىلىشتە ھەم بۇ خىل قاناللاردا تارقىلىشىنى توسۇپ قېلىش، ئەيدىز ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا يەنىمۇ كۈچلۈك رىقابەت ياراتقان ھەم مۈشكۈللۈك ئېلىپ كەلگەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەر، جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان كىشىلەر دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ يامراشقا باشلىغان شۇنداقلا يۇقۇش يوللىرىمۇ كۆپ تۈرلەشكەن.
گەرچە، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىكى ئىنچىكە ئامىل ۋە سەۋەبلەرنى ئاشكارىلىماي كەلمەكتە.
ھالبۇكى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغاندىنمۇ ئېغىر بولۇپ، دەل ئاشكارىلانمىغان يۇشۇرۇن مەسىلىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن ئەيدىزنىڭ يېزىلاردا تارقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ يۇقۇم سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەرەپلەر ئىكەن.
بۇ ھەقتە، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىپ يېقىندا دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ياۋروپاغا كۆچمەن بولغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر دوختۇر خانىم، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان كەمسىتىش، ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دائىرىلەرنىڭ تېگىشلىك جىددىي تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقى ۋە ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرىدا ئۇزۇن يىل خىزمەتتە بولغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەيدىز كېسەللىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشقان، نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان تەلئەت ئەپەندى، ئەيدىزنىڭ يېزىلاردا، بولۇپمۇ ئادەتتىكى دېھقانلار ئارىسىدا تارقىلىشىدا، تىببىي بىخەتەرلىككە رىئايە قىلماسلىق مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھىم بىر ئامىل بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر بىلگەنلىرىنى ئاشكارىلىدى.
رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن نۇرغۇن كىشىلەر، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ پەقەت تەشۋىقات ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ھەققىدە ستاتىستىكا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.