بارغانچە ئۆرلەپ كېتىۋاتقان گۆش ۋە كۆكتات باھاسى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرەتمەكتە

خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى گۆش، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىگەن. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.09.20
Uyghur-elidiki-gosh-qassap-baziri-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر قىشتىكى قار ئاپىتىدە مال - چارۋىلارنىڭ قىرىلىپ كېتىشى ۋە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆكتاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىنىشى گۆش، كۆكتات قاتارلىقلار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

"تەڭرىتاغ تورى" نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 9 - ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدا ھەر كىلوگرام قوي گۆشنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى 28 - 30 يۈەندىن ھازىرقى ھەر كىلوگرامى 40 - 45 يۈەنگە، كالا گۆشىنىڭ باھاسى 35 يۈەنگە ئۆرلەپ، گۆش سېتىۋالالايدىغان پۇقرالار بارغانچە ئازايغان.

خەۋەردە يەنە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قوي گۆشى باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاشخانا - رېستورانلاردا قوي گۆشىنىڭ ئورنىغا كالا گۆشى ۋە توخۇ گۆشى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئەتراپىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مالىكجانغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، كۆپىنچە ھاللاردا گۆش سېتىۋالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان.

بىز رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن قىشتىكى قار ئاپىتى سەۋەبلىك بۇ يىل گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ گۆش سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگىنى ئۈچۈن، گۆشنىڭ ئورنىغا تۇخۇم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ 16 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى گۆش باھاسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، 500 توننا زاپاس قوي گۆشىنى بازارغا سالغانلىقى، بۇ خىل قوي گۆشىنىڭ باھاسى يەرلىك قوي گۆشى باھاسىدىن 5 يۈەن ئەرزانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئەمما رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلار بۇ خىل گۆشلەرنىڭ ھالاللىق دەرىجىسىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى سويغان گۆشلەرنى سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە يەنە، نۆۋەتتە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆكتاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىنىشىدىن باشقا، رايوندىكى مۇھىت بۇلغىنىش سەۋەبلىك كۆكتاتلار ئاينىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل رايوندا پەمىدۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى يىللاردىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2010 - يىل 20 - سېنتەبىر، چۆچەك شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك "ئوتتۇرا ئاسىيا كۆكتات يەرمەنكىسى"نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى چۆچەكنىڭ قازاقىستان چېگرىسىدىكى باقتۇ سودا ئېغىزىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتات 24 مىڭ 600 توننا بولغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتات 36 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى بىر يىل ئىچىدە ئېكسپورت قىلىنغان كۆكتات مىقدارىدىن 3 ھەسسە ئاشقان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە رايوندىكى كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ كۆكتات ئېكسپورت قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.