2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە مەھمۇت قەشقەرى خاتىرىلىنەمدۇ؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

مەھمۇت قەشقەرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلىرى پەخىرلىنىدىغان ئالىم ھېسابلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى خەلقئارالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئىككى ئاي قالغان پەيتتە يەنى، تاكى ھازىرغىچە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلمىغانلىقىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ قاھار بارات بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.