ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن 1000 دىن ئارتۇق سىياسىي مۇقىملىق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق قوغداش خادىملىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ياكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ ؟ ھالبۇكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي بېسىملارنى كۈنسايىن كۈچەيتىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان بىرىنچى ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق 1 - مۇھىم مەسئۇلىيەت
خىتاي دائىرىلىرى مەيلى ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىيات ھەم مۇقىملىق تەشۋىقاتلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى يېقىندا ئاخىرلاشقان ئىككى يىغىن جەريانىدا بولسۇن، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، مۇقىملىق ئىنتايىن ياخشى ئىشقا ئاشتى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇقىملىق ۋەزىيىتى ياخشى، ئەمما تۇراقسىز ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت دەپ كۆرسىتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش، سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلار ئاغزىدا قايتا - قايتا تەكىتلەنمەكتە.
مەملىكەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاش يىغىنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان شۆبە يىغىنىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن ئىجتىمائىي - سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى دەپ تەكىتلەپ،"جايلار، ئورۇنلار ۋە تارماقلار ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ،كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، تەرەققىيات 1 - مۇھىم ۋەزىپە، مۇقىملىق 1 - مۇھىم مەسئۇلىيەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش سەۋىيىسىنى، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك" دېدى.
مۇقىملىق قوغداش سىياسىي قوشۇنى
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈنلا 1000 دىن ئارتۇق سىياسىي مۇقىملىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن. بۇ گۇرۇپپىلاردا ھازىر بار بولغان ئەزالار نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدىكەن. شۇنداقلا 1000 دىن ئارتۇق مۇقىملىق خىزمىتىدىكى ئىلغار رايون، 8000 مىڭدىن ئارتۇق ئىلغار يېزا - كەنت، 6500 دىن ئارتۇق ئىلغار ئورگانلارنى قۇرغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى، مانا بۇ خىل مۇقىملىقنى ساقلاپ بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىلغارلىرىنى مۇقىملىق تەشۋىق تەربىيىسى ئۈچۈن ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭ خەۋەر تورىدا پەيشەنبە كۈنى خوتەندىكى خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى، ئىسلام جەمئىيىتى ھەيئەت ئەزاسى ھەبىبۇللا مۇھەممەتنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھەبىبۇللا شىنجاڭ خەۋەر تورىغا بەرگەن سۆزىدە " يېقىندىن بۇيان رابىيە قادىر باشلىق ئۈچ خىل كۈچلەر بىزنىڭ ئىناق ئائىلىمىز بولغان مەملىكىتىمىزگە نۇرغۇن تۆھمەت قىلدى، ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ يالغاننى تارقاتتى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رابىيە قادىر ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك " دېگەن.
خەۋەردە يەنە، خوتەندىكى مەمەت سەيدى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ " بەزى يامان نىيەتلىك بۆلگۈنچىلەر، پىتنە - ئېغۋا تارقىتىپ بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا بەك ئاچچىقىمىز بار، خاتىرجەم ياشىماي نېمە قىلىدۇ؟ بىز مۇقىم جەمئىيەتكە مۇھتاج " دېگەندەك سۆزلىرىنىمۇ نەقىل ئالغان.
رابىيە قادىر:"مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىۋاتقان دەل خىتاي ھۆكۈمىتى..."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنى سۆكۈشنى مەركەز قىلىپ تارقاتقان بۇ خىلدىكى مۇقىملىق تەربىيە تەشۋىقاتى دەل ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىغا توغرا كەلدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق تەربىيە تەشۋىقاتى بىلەن ئۆزى توغرىلىق مەيدانغا چىقىۋاتقان سەلبىي بايانلارغا قارىتا مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ دەل ئەكسىچە، رابىيە خانىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەپسەندە قىلىنىپ، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەرگە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشى، مىللىي كەمسىتىشى، ئىقتىسادىي تالان - تارىجى ۋە شۇنىڭدەك ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىمسىزلىق ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىق كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسىي نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە ياكى مۇقىملىق قوغداش چارە - تەدبىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مۇقىم بولامدۇ؟ دېگەن سوئاللىرىمىزغا رابىيە قادىر خانىم كەسكىن جاۋابلار بەردى.