ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاندى

خىتاي دائىرىلىرى 11‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغان.

0:00 / 0:00

بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغان 60 يىلدىن بۇيان 6 - قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنى نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئىززەت ‏ - ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسى زادى قانچىلىك دېگەن مەسىلە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىزچىل تالاش ‏ - تارتىش قوزغاپ كېلىۋاتقان گۇماندىكى مەسىلە بولۇپ كەلدى. خىتاينىڭ ئاخىرقى قېتىم 2000‏ - يىلى ئېلىپ بارغان مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 8 مىليون 345 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا گۇمان بىلەن قارىغاچقا، بۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئۇيغۇرلاردا ئىزچىل ئىشەنچلىك دەپ قارالماي كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھەقىقىي سانى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان تەرەپلەر دائىم ئوخشىمىغان پەرەز ۋە تەخمىنەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىغان. بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىدىكى پاراكەندىچىلىك داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەچكە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە بولغان دىققەت نەزىرى ئارتقان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن، نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا ئائىلىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت ‏ - ھۆرمىتىنى قوغداشنى، نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئائىلىلەرگە تەھدىت سالىدىغان ياكى ئۇلارغا بېسىم پەيدا قىلىدىغان ۋاستىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى گەرچە خىتاينىڭ 1‏ - نويابىردىن باشلىنىدىغان 6‏ - قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى 1‏ - نويابىر يېتىپ كېلىشتىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇنلا باشلىنىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رەسمىي دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى نېمە ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بۇرۇن باشلىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىنىڭ رايوندىن ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدا نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇرۇن باشلىنىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، نوپۇسنىڭ تارقىلىش كۆلىمى كەڭ ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بىر قەدەر قىيىن بولۇشتەك ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن پەرقى، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى، قارا نوپۇسلارنى تىزىملاش مەسىلىسى قاتارلىق بەزى تەپسىلاتلارنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ، ئۈرۈمچى نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر خادىمى سوئاللىرىمىزنى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدىنلا 100 مىڭ ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىشقا، نەچچە ئون مىڭ ئىدارە ‏ - جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدىكەن. خىتاينىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى، تەييارلىق باسقۇچى، تەكشۈرۈش باسقۇچى ۋە خۇلاسە باسقۇچىدىن ئىبارەت 3 باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. خىتاي "ئىستاتىستىكا قانۇنى" ۋە " مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نىزامى"دا تەييارلىق باسقۇچىدا پۇقرالارغا تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن بىزنىڭ كەلپىن، غۇلجا قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىشىمىزچە، يۇقىرىقى شەھەر - ناھىيىلەردىكى يېزا - كەنتلەردە بەزى پۇقرالار نوپۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن نوپۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بۇ پۇقرالارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىدە بەزى مۈجىمەللىكلەر مەۋجۇت.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى 2011‏ - يىلى 4 ‏ - ئايدىن 2012‏ - يىلى 5‏ - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. 2000‏ - يىلى ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 21.45 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، خىتايلار نوپۇسنىڭ 58.40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. لېكىن، يېقىنقى 10 ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس تەركىبىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىممۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئىزچىل كېمەيتىپ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ناتوغرا سىياسى غەرەزلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كەلگەن. دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى 20‏ - 30 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ پەرزەنتلىك بولغان، لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ ۋە يۇرتىدىمۇ پەرزەنتىنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزالمىغان "قارا نوپۇس" ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" كېيىن ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقنامىسى يوق ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قوغلىغاندا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە قىستىغان. ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى تاشبۇلاق (خېيجياسەن) مەھەللىسىنىڭ ئۆزىدىنلا نوپۇس ئالالمىغان بۇ خىل ئاتالمىش ئۇيغۇر"قارا نوپۇسلار"دىن 20 مىڭ ئادەم تىزىمغا ئېلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.