تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 3يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ پارىخورلۇق دېلوسى 3540 قا يەتكەنلىكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىچىدە مەمۇرى جازاغا تارتىلىپ چارە كۆرۈلگەنلەر 3769 نەپەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە نازارەت دەرىجىلىك كادىرلار 15 نەپەر، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار 195 كىشى ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2006 - يىلى 1 - ئايدىن 2009 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان 3 يىل ئىچىدە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پارىخورلۇق قىلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك بولغان.
خىتاي تور بەتلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2003 - يىلىدىن 2006 - يىل 9 - ئايغىچە 2007 قېتىملىق خىيانەت - پارىخورلۇق دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 168 مىليون يۈئەن ئىقتىسادىي زىيان تۆلىتىۋېلىنغان. جازالانغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچىدە 50 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى پارا ئالغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 100 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن 740 نەپەر ئەمەلدار بار. بۇنىڭ 168 ئى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار.
سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، 2003 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پارىخورلۇق دېلولىرى 2007 قېتىم بولغان بولسا، 2006 - يىلدىن 2009 - يىلغىچە بولغان كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە بۇ سان كۆرۈنەرلىك ئېشىپ 3740 قا يەتكەن. گەرچە بۇ قېتىم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى جەريانىدا ئېرىشكەن ھارام پۇلىنىڭ سوممىسى تېخى ئېنىق بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىلىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قولغا ئېلىنىپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن پارىخورلۇق جىنايىتى تەكشۈرۈلۈۋاتقان، ئالتاي ۋىلايىتى بالباغاي ساقچىخانىسىنىڭ ياڭ فامىلىلىك ساقچى باشلىقى ئۆزىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئايالى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، يېقىنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇستەھكەم پارىخورلۇق تورى شەكىللەندۈرۈپ، قىسقىغىنا 4 يىل ئىچىدە ئەسلى خېنەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نوپۇسىنى ئالتاي ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگىنى ئۇچۇن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر نوپۇس ئۇچۇن 10 مىڭ يۈئەندىن 17 مىڭ يۈئەنگىچە پۇل ئالغان، ئۇنىڭ 2004 - يىل 8 - ئايدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان 4 يىل ئىچىدە پارىخورلۇقتىن ئېرىشكەن پۇلى، 1مىليون 500 مىڭ يۈئەن خىتاي خەلق پۇلى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ دېلو ئالتايدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا چېتىلغان.
ئوتكەن ئايدا ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ 200 مىڭ يۈەن پارا يېگەن ناھىيە دەرىجىلىك كادىرى جاڭ فامىلىلىك ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى. جاڭ فامىلىلىك بۇ پارىخور كادىر بۇ يىل 53 ياشتا بولۇپ ئىلگىرى ئۇ ئالتاي ۋىلايەتلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى بولغان، ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدا قاتناش نازارىتىگە ناھىيە دەرىجىلىك كادىر سۈپىتىدە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىكەن.
جاڭنىڭ پارىخورلۇق دېلوسىغا قارىغاندا، ئۇ 2005 - يىلى ۋە 2007 - يىللىرى جەمئىي 200 مىڭ يۇەن پارا يىگەن. سوت ئۇنىڭ بۇ جىنايىتى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغاندىن باشقا، 200 مىڭ يۇەن ئەتراپىدىكى شەخسى مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلغان.
خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشى ئەھۋالى ئەزەلدىنلا ئېغىر بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق ئارقىلىق بايلىق توپلايدىغان جەننەت ماكانى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇر ئىلىدە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېرىشكەن پۇل سوممىسى بىرقەدەر كۆپ، چېتىشلىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، نۇرغۇن دېلولار ئۆمۈچۈك تورى شەكلىدىكى گىرەلەشمە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك دېلولىرى بولغىنى ئۇچۇن ئادەتتە، بۇ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەلۇم كىشىلەر قۇربانلىق قىلىنىپ، بۇ جىنايەتكە چېتىشلىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ساقلىنىپ قالغان.
2005 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، لەنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجىنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگىنىدە، ئامان ھاجى دېلوسىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە غۇلغۇلا بولغان ئىدى. ۋاڭ لېچۈەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچۇن تەيىنلىگەن پارتكومنىڭ سېكرېتارى، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 2009 - يىلى 5 - ئايدا ئىسپانىيە سوتى ئۇنى " ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن " دەپ ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىك ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ،خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، قىلمىشى ئاشكارىلانغان قىسمەن ئەمەلدارلارنى پارىخورلۇق بىلەن جازالىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە چىرىكلىكنى يوقىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، خىتايدىكى بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىدىكى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىكنىڭ تۇگىمەيدىغانلىغىنى، بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۇۋاتقان " مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم " دېگەن شۇئارى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنى مۇستەقىل نازارەت قىلالايدىغان بىر تۈزۈلمە ئورنىتىلمىغىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قانچە چىرىك ئەمەلدارنى جازالىشى بىلەن چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى ياخشىلىغىلى بولمايدىكەن.