پاختا باھاسى ئۆرلىدى، ئۇيغۇر پاختىكارلارنىڭ كىرىمى ئۆرلىمىدى

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل پاختىنىڭ باھاسى جىددىي ئۆرلىمەكتە. 14 - ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى پاختا بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ئوقتۇرۇش چىقاردى، ئەمما پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئېھتىياجىنى قامدۇرالمايۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن باھا يەنىلا تۇراقلىق ئەمەس ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، گەرچە پاختا باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا 50% ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمىدە ھېچقانچە پەرق بولمىغان.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان خىتاينىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورلىرى ۋە مەتبۇئاتلار پاختا باھاسىنىڭ جىددىي ئۆرلەپ 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىققانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقاتماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، ۋە بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا يېقىنقى 20 كۈن ئىچىدە پاختىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى 26% ئۆرلىگەن. يەنى 8 يېرىم يۈەندىن بۈگۈن 11.6يۈەنگە يەتكەن.

پاختا باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە دائىر ئېلان قىلىنغان خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي ھەمدە خەلقئارادا پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئوخشاشلا تۆۋەنلىگەنلىكىدەك ئۈچ تەرەپنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدە پاختىنىڭ باھاسى

ئۇيغۇر ئېلىدە پاختىنىڭ بۇ يىلقى باھاسى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 50% ئۆرلىگەن. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ھەم ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىنغان 12 يىلدىن بۇيان، پاختا مەھسۇلاتى خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە ئىدى شۇنداقلا پۈتۈن خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 40%تىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا پاختا باھاسىنىڭ بۇ يىل پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە بۇ يىل 8 ‏- ئايدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامباردىكى 1 مىليون 390 مىڭ توننا پاختىسى ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭ، شەندۇڭ، خۇنەن قاتارلىق خىتايدىكى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇت، كارخانىلارغا يۆتكەلگەن.

بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىمۇ داۋاملىق خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. چۈنكى بۇ يىل تۈرلۈك ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليون 300 مىڭ مو كېۋەزلىك ۋەيران قىلىنغان. پاختا مەھسۇلاتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى كاملىغان.

كېلىماتتىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك كېۋەزلەرنىڭ ئېچىلىشى 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە كېچىككەن

بۈگۈن ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى " بۇ يىل ھەتتا لۆڭگىنىڭمۇ باھاسى ئۆرلىدى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسىغا مۇھتاج بولۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن خىتاي پاختا توقۇمچىلىق شىركەتلىرى خام ئەشيا يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كېمەيمەكتە. ھەتتا بەزى زاۋۇتلار تاقىلىپ قېلىش خەۋپىدە ئىكەن.

خىتايدا باھا ئۆرلىگەن

بۇ يىل خىتاينىڭ ئىچىدىمۇ پاختا ئىسكىلاتلىرىدىكى پاختا ماي ئېيىدىلا تەقسىم قىلىنىپ تۈگىگەن. پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 15% تۆۋەنلىگەن. پاختىنى خام ئەشيا قىلىدىغان بارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە تاۋارلارنىڭ باھاسى ئوخشاشلا ئۆرلىگەن.

بۇ يىل 6 - ئايدىلا خىتاي بازاردا پاختا قەھەتچىلىكى كۆرۈلدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. چەتئەللەرنىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ۋە ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئىمپورت مىقدارىمۇ تۆۋەنلىگەن ۋە پەقەت ئۇيغۇر ئېلى پاختىسىغا مۇھتاج بولغان.

بۇ يىل خىتايدىكى دۆلەتلىك پاختا ئىسكىلات زاپاس مىقدارىنىڭ ئىلگىرىكىدىن 441 مىڭ توننا ئاز بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەلقئارادىمۇ پاختا مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ، باھاسى ئۆرلىگەن

2010 ‏- يىلى ئامېرىكا دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ھىندىستان پاختا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، پاكستاندا يۈز بەرگەن كەڭ دائىرىلىك سەل ۋە كەلكۈن ئاپىتى پاكستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتىنى چوڭ زەربىگە ئۇچراتقان.

پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىغان ئۆزبېكستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەھسۇلاتى كېمەيگەن. بۇ، ئامېرىكىنىڭ پاختا ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، ئامېرىكا پاختىلىرى ئاساسەن خىتايغا ئېكسپورت قىلىنغان.

بۇ يىلىدىن 2011 ‏- يىلغىچە بولغان خەلقئارادا پاختا زاپىسى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە.

بىڭتۇەننىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن پاختىنىڭ باھاسىدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش كۆرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، كېۋەز تېرىغان بەزى دېھقانلار پاختا باھاسىنىڭ تېخى تۇراقلاشمىغانلىقىغا قاراپ پاختىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىشقا پۇرسەت كۈتىۋاتقان ئىكەن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخباراتلىرىدا پاختىكارلارنىڭ سېتىشقا قىيماسلىقتەك پىسخىكىسىنىمۇ بازاردا پاختا قەھەتچىلىكى پەيدا قىلىۋاتقان ئامىلنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.

پاختا باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بۇ يىل ئۇيغۇر پاختىكار دېھقانلارغا قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىدىن ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق.

قەشقەر پەيزىۋاتتىن بىر دېھقان گەرچە پاختىنىڭ باھاسى بۇ يىل ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا 50% ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئوغۇت ۋە باشقا دېھقانچىلىق چىقىملىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆرلىشى بىلەن كىرىمدە ھېچقانچە پەرق كۆرۈنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

شەندۇڭنىڭ زاۋۇتلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن پاختا سېتىۋېلىشقا ۋاستىچىلىك قىلىۋاتقان بىر شەخسى شىركەت بىلەن ئالاقىلاشتۇق، شىركەت خوجايىنى ئاخبارات ئورگىنىغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقسۇ ئاۋاتتىن بىر پاختىكار قىز، گەرچە پاختىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى زور ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بۇ يىل ھۆل يېغىن ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىدە كېۋەزلىرىنىڭ تولۇق غوزەكلىمەي ۋە ۋاقتىدا ئېچىلماي مەھسۇلاتنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بازار بازىرىغا تەھدىت

14 - ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق جايلارنىڭ پاختا بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا، "خەلقئارادا ۋە ئىچكى جەھەتتىن پاختا باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەنلىكتىن ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ چىگىتلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى يۇقىرى بولدى. پاختا سېتىۋالغۇچى قىسمەن كارخانىلار مەنپەئەت قوغلىشىپ پاختا باھاسىنى ئۆرلىتىپ ھەر خىل دەرىجىدىكى پاختىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سېتىۋالدى، بەزى چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرى يەرلىك چىگىت ئايرىش ماشىنىلىرىدا پاختىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پىششىقلاپ، پاختا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلماي پاختا بازىرى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. پاختىكارلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە پاختىچىلىقنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پاختا بىخەتەرلىكىنى، سۈپەت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پاختا سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك" دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا بازىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوقتۇرۇشىدا يەنە ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن، پاختا باھاسىنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن پەيدا بولۇۋاتقان ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، بازار قالايمىقانچىلىقىدىن پەيدا بولىدىغان مۇقىمسىزلىق خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئوتتىن، بۇلاڭ - تالاڭدىن، بۇزغۇنچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.