ئۇيغۇر ئېلىدىكى قار ئاپىتىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولماقتا

ئۆتكەن ھەپتە ياققان قېلىن قار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى قىسمىدا 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور قار ئاپىتى بولۇپ، بۇ قېتىملىق شىۋىرغانلىق قار ئاپىتىدىن كېيىن، بۇ رايون سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.tianshannet.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، رايوندىكى توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، 31 ناھىيە، شەھەر ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋا - مال 6 مىليون 610 مىڭ تۇياققا، ئۆلگەن چارۋا - مال 43 مىڭ 589 تۇياققا يەتكەن، 4763 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، چارۋىچىلىقتىكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 124 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئالتاي، تارباغاتاي، سانجى، غۇلجا،بايىنغولىن، قۇمۇل قاتارلىق رايونلاردا قار ئاپىتى ئېغىر بولغان بولۇپ، 1 مىليون 250 مىڭ كىشى زىيانغا ئۇچرىغان. ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيان 450 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قارنىڭ قېلىنلىقى 50 سانتىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، قويلارنى قىشلاقتا ئوتلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا زاپاس يەم - خەشەكمۇ ئازلاپ، يەم - خەشەك ئۆكسۈپ قالغان، مال چارۋىلار ئېھتىياجلىق يەم - خەشەك 1 مىليون توننىدەك كەمچىل بولماقتا ئىكەن. قېلىن قاردىن كېيىن يوللار ئېتىلىپ قالغىنى ئۈچۈن، ھارۋىلارغا يەم - خەشەك ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىلمەي، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 10 مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا -مالنىڭ يەم - خەشىكىنى تولۇقلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئاپەت ئېغىر بولغان ئالتاي، چۆچەك، سانجى قاتارلىق جايلاردا چارۋا -ماللار قوتاندا بېقىلغانلىقتىن، زاپاس يەم - خەشەك تېز خوراپ كەتكەن. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغ رايونىدىكى چارۋا مەيدانىدىمۇ 150 مىڭ تۇياق چارۋا - مالنىڭ ئوزۇقى ئۈزۈلۈپ قالغان.

قازاق چارۋىچى كېرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 15 - يانۋار ئۆزىنىڭ 112 تۇياق قويىنى قىشلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ قويلىرىنىڭ يېمى قالمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، "ئالدىنقى ئىككى كۈندە قويلارنى ئەتراپتىكى تاغدا ئوتلاتقان، ھازىر يىغىلىپ قالغان قار چوڭقۇر بولغانلىقتىن، قويلار ئوت يېيەلمەي قالدى، ئۆيدىلا بېقىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن، گەرچە مېنىڭ ئۆيۈمدە 2000 كىلوگرامدىن ئارتۇق يەم - خەشەك ساقلانغان بولسىمۇ، يەنە قار يېغىپ قالسا، بۇ چارۋا - ماللار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ " دېگەن.

قار ئاپىتىدە شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدە قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسىسى ئېغىر بولغان بولۇپ، غۇلجىنىڭ تەلكە تاغلىرى ئىچىدە ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە 9 ئورۇندا قېتىم قار كۆچۈپ يولنى توسۇۋېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. 17 - يانۋار كۈنى كېچىدە تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر، قېلىنلىقى 2 يېرىم مېتىر كېلىدىغان قار دۆۋىسى، تەلكە تاغلىرى ئىچىدىن ئۆتىدىغان 36 - يول لىنىيىسىدىكى يول ئاسرىغۇچى ئىشچىلارنىڭ كۆزەتچىلىك ئۆيىنى بېسىۋېلىپ، كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان 3 نەپەر ئىشچى قار ئاستىدا قېلىپ، 10 سائەتتىن كېيىن ئۇلاردىن2 نەپىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ 1 نەپىرى ئۆلگەن. 19 - 20 - يانۋار كۈنلىرى شىۋىرغانلىق قار يېغىپ، تەلكە داۋىنىدا شىۋىرغان 8 بالغا يەتكەن، 20 - يانۋار كۈنى سەھەر سائەت 1 ئەتراپىدا، تاغدىن كۆچكەن قار دۆۋىلىرى قاتناش يولىنى توسۇۋېلىپ 150 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل 15 سائەت تاغ ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان.

بۇ قېتىملىق قار ئاپىتىدە ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغانلار يەنىلا رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق چارۋىچىلار ۋە دېھقانلار بولغان. ئۇلار ئوزۇق - تۈلۈكى تۈگەپ كېتىش، سوغۇقتا ئوتۇن - كۆمۈر ئۆكسۈپ قېلىش قاتارلىق خەۋپلەرگە ئۇچرىغان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە قار ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار 1 مىليون 257 مىڭ قېتىمغا يەتكەن، بەش كىشى قازا قىلغان، ئاپەت تۈپەيلىدىن 623 كىشى يارىدار بولغان ۋە ئاغرىپ قالغان، 16 مىڭ ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى زىيانغا ئۇچرىغان، قىسمەن رايونلاردا قاتناش توسالغۇغا ئۇچرىغان، توك ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بولسا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاپەتتە ھەقىقىي زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. تېلېۋىزورلاردا شەھەر، ناھىيىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرى زىيارەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات خاراكتېرىدىكى " قار قېلىن ياققان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكىمىز مول، ئۆيىمىز ئىسسىق، پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا ياشاۋاتىمىز" دېگەندەك مەدھىيە سۆزلىرى بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بولسا يەنىلا خىتاي پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇشنى ئاساس قىلغان.مەسىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 2 دانە تىك ئۇچارنى ئالتايغا ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئالتاينىڭ كۆكتوقاي رايونىدا ئوغرىلىقچە ئالتۇن كولاش ئۈچۈن خىتاي ئېلىدىن كېلىپ، كان رايونىدا قاپسىلىپ قالغان 21 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، قانۇنسىز ئالتۇن كولىغۇچى بۇ خىتايلارنىڭ 7 نەپىرى رايوندىكى شىۋىرغانلىق قاردا يوقاپ كەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

ئەجەپلىنەرلىكى، رايوندىكى خەلق ئېغىر قار ئاپىتىدە قېلىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردىمۇ خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى يەنىلا مۇقىملىقنى تەكىتلەۋاتماقتا. 21 - يانۋار كۈنىدىكى شىنجاڭ گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا يەنىلا مۇقىملىقنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا: "بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قەتئىي ھوشيار بولۇپ، مۇقىملىقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇزاق مۇددەت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيىسى ئارقىلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك،" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق قار ئاپىتىدىكى بۇ خىل پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى  ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە ئۇيغۇر ۋە قازاققا ئوخشاش يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوننىڭ تېلېفون ئالاقىسى ئېچىلمىغانلىقى ئۈچۈن، پۇقرالار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتماقتا.

تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى20 - يانۋار كۈنى يېرىم كېچىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون لىنىيىسىنى خەلقئاراغا ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بىز ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، قار ئاپىتى ئېغىر بولغان ئۇيغۇر ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفون لىنىيىسى ئۇلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

بۇندىن كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا، بۇ رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
تولۇق بەت