ئۇيغۇر ئېلىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلاشقانسىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، پەقەت قۇرئان سۈرىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ، قېيىن ‏- قىستاققا ئېلىنغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئالماتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا ئۇيغۇر ئىلىدىن چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر خانىمى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.