ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىگە دائىر بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور لاۋرىن كىنى ماقالىنى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئاساسەن تەييارلىغان.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مۇخبىرى لاۋرىن كىنى ئېلان قىلغان "ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەھىمە ھۆكۈم سۈرمەكتە" ماۋزۇلۇق خەۋەردە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ۋە بەزى كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغىنىغا بىر يىل بولاي دەپ قالغان بۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى قورقۇنچ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ دىققەت تارتىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى يەنى مۇنداقچە ئېيىتقاندا "خاتا ۋاقىتتا، خاتا يەردە" تۇرۇپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىدىن بەك سۆزلەشتىن قورقىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
مۇخبىر لاۋرىن كىنى ئۆزىنى خاسىيە دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. خاسىيەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، كېيىن ئۇ، "ۋەقە كۈنى بىر پاچكا تاماكا ئوغرىلىغان" دېگەن جىنايەت بىلەن 20 يىل كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. خاسىيە مۇخبىرغا "بۇ بىنادىكى ھەر بىر ئائىلىدىن كەم دېگەندە بىر كىشى يوقاپ كەتتى، بىز دەردىمىزنى ئاڭلاتساق، بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ ئىش تېرىۋالىمىز. شۇڭا ئىچىمىزگە يۇتماي ئامالىمىز يوق" دەپ بەرگەن.
مۇخبىر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنچىۋالا قورقۇشىنىڭ سەۋەبسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردە چەتئەللىك ژۇرنالىستلار بىلەن سۆزلەشكەن كىشىلەرنى ساقچىلارنىڭ تەقىب قىلىپ، سوراققا تارتىدىغانلىقىنى، ھەتتا قولغا ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز نوپۇس يۆتكىشى سايىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 46 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىر لاۋرىن كىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەرگە ئارتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ تېخىچە ئۆتكەن ئىيۇلدا ۋەقەنىڭ زادى قانداق بولغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى ئەپ قاچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "ئادەملەرنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن ئەنسىز. ئۇلار ئولتۇرغان ئورۇندۇقىدا خاتىرجەم ئولتۇرالماي، دەم چىقىپ، دەم كىرىدۇ. كۆزلىرىدىن ئەنسىزچىلىك چىقىپ تۇرىدۇ."
ئۇ ئۈرۈمچىدە بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئەمما ئاتالمىش "قوش تىل" مائارىپىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلىۋېتىلگەن مەمەت ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باغان بولۇپ، مۇخبىر مەمەت ئىسىملىك بۇ كىشىدىن ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى بولغاندىن بېرى قانداق ئۆزگىرىش بولدى دەپ سورىغىنىدا، ئۇنىڭ جاۋابى"ھۆكۈمەت پەقەت بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈك سالدى" دېگەندىن ئىبارەت بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇخبىر ئۈرۈمچىدە بەزى پروفېسسورلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر سوئاللارنى سورىمىغاندىلا زىيارىتىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئەمما بىر پروفېسسور ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنى ئۇ پروفېسسورنىڭ باشلىقى ئۇقۇپ قېلىپ ئۇنى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلغانلىقتىن ئامالسىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئۈرۈمچىدىكى بىر تىجارەتچى ماڭا ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئىشپىيونلىرىنى مۇخبىر قىياپىتىدە تەربىيىلەپ ئىشقا سالىدۇ، مەن ئۆزەمنىڭ ساقچىغا تۇتۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىمغا قانداق ئىشىنىمەن، دېدى.
مۇخبىر لاۋرىن كىنى ماقالىسىدە، ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىيەت ئەسلىگە كەلدى دەپ ئېيتسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ھەر بىر كوچىدا يېقىندىن بۇيان 4 خىل فورمىلىق ئەسكەرلەرنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەلۋەتتە پۇقراچە كىيىنگەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭمۇ ناھايىتى جىق ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدا ھەتتا، قوراللىق ساقچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 35 ياشلىق يۈ شىنچىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي مۇخبىرغا "بۇ يەر قارىماققا تېنچ كۆرۈنىدۇ" دېگەن ۋە ئۆزىنىڭ يېنىغا پىچاق ئېلىپ يۈرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردىن بىر نەرسە كېرەك ئالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قوشنىلىرى ۋە ئىلگىرى ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى ئەپقاچىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. يۈ شىنچىڭ ئىسىملىك بۇ كىشى مۇخبىرغا يەنە "ئۇيغۇر رايونىدىن كېتىش ئۈچۈن پۇل يىغىۋاتىمەن" دېگەن.
مۇخبىر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئابلەت ئىسىملىك بىر تىجارەتچى ئۇيغۇر بىلەن ئېلىپ باغان زىيارىتىنىڭ جەريانىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلەيدۇ: "ئابلەت 3 سائەت بويىچە ناھايىتى مۇجمەل سۆزلەرنى قىلىپ، گەپ ئەگىتىپ ئولتۇردى. كېيىن ئۇ مېنى ئاپتوموبىلىغا ئولتارغۇزۇپ شەھەرنىڭ شىمالىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلدى. ئۇ، 'بىزگە خىزمەت بەرسۇن، پاسپورتلىرىمىزنى يىغىۋالمىسۇن، دىنىي ئەقىدىلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلسۇن' دېدى ۋە شۇندىلا مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى."
يۇقىرىدىكى ماقالىدىنمۇ مەلۇم بولغاندەك، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاز قالغان كۈنلەردە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۈرۈمچىگە باشقا يۇرتتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. مۇخبىرىمىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغاندا تېلىفوننى ئالغان خادىم بۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىگە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى بىر - بىرىگە كۆز - قۇلاق بولۇشقا، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆزىتىشكە قىستىماقتا ئىكەن. بۇلاردىن سىرت، ئۈرۈمچىگە كىرىپ - چىقىدىغان ئېغىزلاردا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆز يېقىنلىرىنى يوقاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇب ۋە شىمالدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەقە پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ئۈرۈمچىنى قامال قىلىشنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.