[ خىتاي "دۆلەتلىك مەمۇرىيەت تور بېتى"نىڭ 7 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچەOpens in new window ]
، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىن بۇ يىل ئېلىنىدىغان دۆلەت مەمۇرلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ 2010 - يىل 5 - ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما 5 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 غا قەدەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى 1154 ئورۇن يەنىلا بوش قالغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتىنى 6 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمغىچە، توردا ئىمتىھان پۇلى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى 8 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمغىچە سۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
"ئۇيغۇر بىز تورى" نىڭ 7 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن ئىدارە ئورگانلار كاندىداتلارغا قويغان تەلەپلىرىدە، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 25 ياشتىن تۆۋەن، ئوقۇش تارىخى ئالىي مەكتەپ ھەتتا ماگىستىر سەۋىيىسىدە بولۇشى، شۇنداقلا مىللىتىنىڭ خىتاي بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان بەلگىلىمە چىقارغان.
"خىتاي دۆلەتلىك مەمۇرىيەت تورى"نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىدە كەسىپ چەكلىمىسى، مىللەت چەكلىمىسى قاتارلىقلار بولمىغىنى ئۈچۈن، 10 ئادەم ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بۇ ئورۇنغا تىزىملاتقانلار سانى 2000 غا يەتكەن.
"بوشۈن تور بېكىتى" دىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ 7 - ئىيۇندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان ئورگانلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە قويۇلغان تەلىپىدە، مىللەت تەركىبى خىتاي بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرت قىلىنغانلىقى ۋە كۆپلىگەن خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.
"ئۇيغۇربىز" ۋە "بوشۈن" قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە يەنە، 2008 - يىلدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت مەمۇرىي خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ئېلانى بەرگەن 3708 ئىدارە ئىچىدىن 428 ئىدارىگە تىزىملىتىدىغان ئادەم چىقمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا بۇ ئىدارىلەر خىزمەتكە قوبۇل قىلىش تەلىپىدە ئېنىق قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىبىنىڭ خىتاي بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىكەن.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى قوللىنىپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا ئاشكارا ھالدا مىللىي كەمسىتىش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ، خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن "خىتايدا ھەممە مىللەت باراۋەر بولۇش" ماددىلىرىغا ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ "ئاپتونومىيە قانۇنى" غىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، خىتايدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكاتلارنىڭ مەزكۇر قانۇن ماددىلىرى بويىچە ئەرز قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، نۆۋەتتە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇپ تەدبىر قوللانمىغىنىدا، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتى ۋە رايونغا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەننىڭ رايوندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى، رايون ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.